«خىتاي ئەمدى تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى قايتۇرۇپ بېرەمدۇ؟»

ئەنگلىيىلىك مارتىل «كەلگۈسىگە نەزەر» تور بېتىدە «خىتاي ئەمدى تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى قايتۇرۇپ بېرەمدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتانىڭ، ياپون بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش ئالدىدا، بۇ ئۇرۇشتىن قورقۇپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ قېتىمقىي سەتچىلىكتىن ۋە ئۇرۇشتىن ساقلاپ، قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىللەرنى تەھلىل ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012.09.21
xi-paneta-305.png لېئون پانېتتا شىجىنپىڭ بىلەن كۆرۈشمەكتە
AFP


ماقالىنىڭ ئاپتورى ماقالىنى مۇنداق باشلايدۇ:

رۇسىيە يازغۇچىسى تولسېتوينىڭ «چار پادىشاھ ۋە كۆينەك» دەيدىغان بىر ھېكايىسى بولىدىغان. ھېكايىدە چار پادىشاھ ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇ «كىم مېنىڭ كېسىلىمنى ساقايتالىسا، دۆلەتنىڭ يېرىمىنى شۇنىڭغا بېرىمەن دەپتۇ». دەل بۇ ھېكايىدىكى چار پادىشاھ خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇنىڭ گىرىپتار بولغان كېسىلى «سېنكاكۇ ئارال كېسىلى». خىتاينىڭ بۇ كېسىلىنى ئىتالىيە ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىق لېئون پانېتتا يەنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا داۋالىدى ۋە خىتاي دۆلىتىنى بۇ شەرمەندىچىلىكتىن قۇتۇلدۇردى. ئەمدى خىتاي بۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان سۆزلىشىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىمۇ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلىي بىلەنمۇ قايتا سۆزلەشكەن مەسىلە تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدۇر. ئۇنداق ئىكەن، تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى بېرىۋىتىشى كېرەكتە.

ئۇ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ئارال ماجىراسىنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە يوغىناپ ئۇرۇش قىلىش گىردابىغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان، ئۇلار ھەمىشە ئارال مەسىلىسىدە تاشقىي سىياسىتى يۇمشاق بولغان ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇۋالغاچقا، داۋاملىق ئۈستۈنلۇكنى ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى ئارال مەسىلىسىدە ئەسكەر ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ياپونىيە باش ۋەزىرى نودا بۇنىڭغا يول قويمىدى ۋە خىتاينى سۆرەپ ئۇرۇش لىۋىگە ئەكىلىپ قويدى. خىتاي تارىخىي ھىلىسى بىلەن ئۇرۇش مەيدانىغا بېرىپ قويۇپ، ئۇرۇش قىلىشتىن قورقتى. چۈنكى، ئۇرۇش قورال تۇتۇپ ئىتىشىدىغان ئىش، ئۇ ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ باھار بايرىمىدا ھويلا - ئاراملىرىدا ئېتىپ ئوينايدىغان ئىتىلداق ئويۇنى ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇش مەيدانىدىن، بۇ سەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرىدىغان پەقەتلا ئامېرىكا بار ئىدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتانىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇردى. لېئون پانېتتا كېلىش بىلەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كۆزگە كۆرۇنمىگەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆھبەتتە بولدى. لېئون پانېتتا خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلىې قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئۇچراشقاندا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، خىتاينىڭ «سۆھبەت، تىنچلىق، ئۆز - ئارا چۈشىنىش» دېگەننى كۆپرەك تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ تېنچ ئوكيان رايونىدا كۈچلىنىشى، ئارمېرىكا ئارمىيىسىنىڭ خىتاي تۇرپراقلىرىغا يېقىنلاپ كېلىشى، خىتاي پېشقەدەملىرىدە ۋە ياش خىتاي جەڭچىلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىندا ياپونىيىگە ئورناتقان ئىكىكىنچى قېتىملىق ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش رادارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئوكىناۋاغا «ئوسپرەي» ناملىق يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئاۋىسترالىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشى، خىتايغا ئەندىشە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا بۇلارنىڭ خىتايغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، پەقەتلا شىمالىي كورىيىدىن مۇداپىلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ،ئەمما، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بايان بېرىدۇ:

2012 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خىتاينىڭ خەلق گېزىتىنىڭ چەتئەل تىلى نۇسخىسىنىڭ بىرىنچى بېتىدە، خىتاينىڭ خەلقئارا ئىشلار مۇتەخەسسىسى خۇا يىۋېننىڭ «ياپونىيىگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي قورالنىڭ تەپكىسى قاچان بېسىلىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ ياپونىيىنىڭ ئەجەللىك يېرىنى تېپىپ بولغانلىقىنى، ياپونىيىنىڭ كەلگۇسىنى ۋە ئىقتىسادىنى ئويلاپ سەبىر قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ياپونىيە ئارال مەسىلىسىدە نىيىتىدىن يانمىسا، خىتاي ئىقتىسادىي قورالنىڭ تەپكىسىنى باسىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ ئون يىل ۋە ھەتتا يىگىرمە يىل ئارقىغا چېكىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:

خىتايلار شۇنچىلىك رەھىمدىل، شۇنچىلىك شەپقەتلىك بولۇپ كەتتىمۇ، ياپونىيىدىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ تارىخىي دۈشمىنىگە شۇنچىلىك شەپقەت قىلارمۇ؟ ئەگەر خىتايدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتتە رەھىمدىلىق، ئاق - كۆڭۈللۈك بار دىسە، كىممۇ ئىشىنىدۇ؟ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن تىبەت،ئۇيغۇر ۋە باشقا ئەركىنلىك سۆيگۈچى خىتاي مىللىتى نەچچە مىليوندۇر؟ ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن 40 يىل ئىلگىرىمۇ، ئۆزىگە خاس ئىقتىسادى يول بىلەن راۋاجلانغان ۋە گۈللەنگەن. خىتايسىزمۇ ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى بىر ئىزىدا توختاپ قالمايدۇ. خىتاي دۆلىتى ئىقتىسادىي قورالنىڭ ۋە شۇنداقلا ھەربىي قوراللارنىڭ تەپكىسىنى بېسىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يۈرىكىنى تۇتۇپ بېقىشى كېرەك.

بىز ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتانىڭ ياپونىيىدە، خىتايدا بولغان زىيارىتىدىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە باشقا مەسىلىلەردە قانداق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھازىر گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيىلىك سىياسىي - ئىقتىساد شۇناس نىشىھار ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. پروفېسسور نىشىھارا ئەپەندى مۇنداق دېدى:

ھازىر خىتاي، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ سىياسىيۇنلىرىنىڭ بىر قېتىملىق كۈچ كۆرسىتىش ئويۇنى باشلاندى. بۇ قېتىمقى ئويۇندا ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسىيدا يېڭىلىشى تۇرغان گەپ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.