خەلقئارادا تىبەت خەلقىنى قوللاپ خىتاينى ئەيىبلەيدىغان سەپ بارغانسېرى ئۇلغايماقتا

-‏ تىبەتتە بۇ يىل 3 ‏- ئايدا دىنىي زاتلار نامايىش قىلغاندىن كېيىن، ‏-‏ دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'نىڭ 5 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان 'تىبەت مەسىلىسى پەيدا قىلغان خەلقئارادا تەرتىپ' دېگەن ئوبزورىدا.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، تىبەت مەسىلىسى خەلقئارادا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتى بىلەن گىرەلەشكەن ھالدا ناھايىتى تېز تەرەققى قىلدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ياكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى قوللاش بۇيىچە قارىمۇ-قارشى نامايىشلار يۈز بەردى. خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، غەربنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا قارشى ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى نەتىجىسىدە، خىتاي مىللەتچىلىكى ئەۋج ئالدى. تىبەت مەسىلىسىدىكى بۇنداق بۆلۈنمە ھالەت پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، دۇنيادا قايتىدىن سەپ تۈزۈش پەيدا بولدى. دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىردەك ئاۋاز چىقىرىپ تىبەت تەرەپتە تۇردى.

خەلقئارادا تىبەتنى قوللايدىغان سەپ ئۇلغايماقتا

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ پالاتا باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم 3 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى دارامسالاغا بېرىپ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى. گېرمانىيە باش مىنىسىتىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋە چېخ، پولشا، ئىستونىيىلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش قارار چىقاردى. فرانسىيە پرېزىدېنتى ئەگەر خىتايدا بۇنداق ۋەزىيەت داۋاملىشىۋەرسە، ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ياۋرۇپا بىرلىكىمۇ، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمىسە، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، كوممۇنىست خىتاينىڭ سىياسىتىدە ئېزىلىۋاتقان تىبەتلەرنى قوللايدىغان خەلقئارا سەپ بارغانسىرى ئۇلغايماقتا.

خۇ جىنتاۋ بىر تەرەپتىن سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغىدى

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خۇ جىنتاۋ 'تىبەت مەسىلىسى مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ ئەمەس، پەقەت ۋەتەن بىرلىكىنى قوغداش ياكى پارچىلاش مەسىلىسى' دېگەن يېڭى نەزىرىيە ئېلان قىلىپ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ جەرياندا يەنىلا خىتايلارغا قىزىل بايراق تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرگە داۋاملىق قارشى تۇرغۇزۇپ، خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغىدى.

تىبەتلەرنى باستۇرۇش بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دۇنياغا ئىپادىلىگەن تەبەسسۇممۇ؟

مەزكۇر ژۇرنالدا 5 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى "بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا ئىپادىلىگىنى تەبەسسۇممۇ؟" سەرلەۋھىلىك يەنە بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزوردا كوممۇنىست خىتاينىڭ ئورگىنى بولغان 'خەلق گېزىتى ' ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 100 كۈن قالغاندا ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان ھەرىكەتلەرنى"بىزنىڭ دۇنياغا ئىپادىلىگەن تەبەسسۇمىمىز" دېگەن تەسۋىرىگە رەدىيە بەردى.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىشلارنى باستۇرغاندىن كېيىن، تىبەتلەر ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 'تىبەت مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرۇش' دېگەن نام ئاستىدا تىبەتلەرنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشىغا ۋە تىبەتلەرنى قوللىغان غەربنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا قارشى ھەرىكەت قوزغىدى، چەتئەل ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا باشلىدى.

مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىش قىلغاندا قولغا ئالغان تىبەتلەرنى قېيىن-قىستاققا ئالدى ۋە ئۇلاردىن 30 كىشىگە قاماق جازاسى ئېلان قىلدى. دالاي لامانى ئەيىبلەش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى. ھەتتا چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئون مىڭلىغان ئادەمنى 11 ‏- خىلدىكى كىشىلەر ياكى 43 تۈرلۈك ئادەم دەپ جاكارلاپ ئۇلارنى خىتايغا كىرگۈزمەسلىكنى جاكارلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا چەتئەللەردىكى خىتاي تەشكىلاتلىرىغىمۇ سىڭىپ كېرىپ، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى مىللەتلەر بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى قارشىلاشتۇردى. كوممۇنىستپەرەس خىتايلار جەنۇبىي كورىيىدە 27 ‏- ئاپرىل كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش ھەرىكىتىدە قىزىل بايراق كۆتۈرۈپ، قىزىل بايراقنى بەدەنلىرىگە ئوراپ، قوللىرىغا تاش، تۆمۈر تۇرۇبا، ھەتتا تىغ ئېلىپ تىبەتلەرگە ھېسداشلىق بىلدۈرىدىغان چەتئەللىكلەرنى قورشاپ ئۇردى.

خۇ جىنتاۋ يەنە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى 'ۋەتەنپەرۋەرلىك'كە چاقىردى

ئۇنىڭدىن كېيىن، تىبەت قاتارلىق خىتايدىن ئۆزگە مىللەتلەرنى باستۇرۇش داۋاملىشىۋاتقاندا، خۇ جىنتاۋ 5 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا 30 يىللىق ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ نەتىجىسى بولغان 'ۋەتەنپەرۋەرلىك'نى ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل بۇرچى قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

بۇ ئەمەلىيەتتە 'خەلق گېزىتى' دېگەندەك 'بېيجىڭنىڭ دۇنياغا بىلدۈرگەن تەبەسسۇمى' ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'دۈشمەنلىشىش' دېگەن ئەستىرىنى 'تەبەسسۇم' بىلەن تاشلىغان ھېلىگەرلىك تونىدىن ئىبارەت.