قارايىم مىللىتىنىڭ تىلى يوق بولۇپ كېتىش خەۋىپى ئاستىدا تۇرماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.09.21
2010.09.21

ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﺗﯧﻤﯘﺭ ﻏﻮﺟﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى، قارايىم خەلقى ئۈستىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى تېمۇر غوجا ئەپەندىنى قارايىم خەلقى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، تېمۇر غوجا ئەپەندى ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىشتىن ئىلگىرى لىتۋادا ياشاۋاتقان قارايىم خەلقى بىلەن بىر مۇددەت بىرگە ياشىغان. ئۇ بۇ جەرياندا تۈركىي تىلدا سۆزلەيدىغان قارايىملارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئۈن ئالغۇغا ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئۆگىنىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۇلار بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش ھەققىدە پىكىرلەشكەن.
ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا قارايىملار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن تېمۇر غوجا ئەپەندى، دۇنيادا 2000 نەپەر قارايىمنىڭ قىرىم، ئوكرائىنىيە ۋە رۇسىيىدە ياشايدىغانلىقىنى، پەقەت لىتۋادا ياشاۋاتقان قارايىملارنىڭلا ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لىتۋا ھۆكۈمىتىنىڭ قارايىملارنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن تېمۇر غوجا ئەپەندى، لىتۋادا ياشاۋاتقان 230 نەپەر قارايىم ئۈچۈن مەخسۇس ئىبادەتخانا ۋە ئانا تىل مەكتىپى ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيادا 200 مىليون تۈركىي خەلق بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان تېمۇر غوجا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ "كۆپ سانلىق تۈركى خەلقلەر ۋە ئاز سانلىق تۈركى خەلقلەر" دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقى، تۈرك، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق قاتارلىقلارنىڭ كۆپ سانلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىكەنلىكى، ئەمما قارايىملارغا ئوخشاش يوقۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر قىسىم ئاز نوپۇسلۇق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاز سانلىق تۈركىي خەلقلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قارايىملارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە توختالغان تېمۇر غوجا ئەپەندى، قارايىملارنىڭ يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە يەھۇدىلىرىدىن پەرقلىق دىنىي قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تېمۇر غوجا ئەپەندى، قارايىملار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ھېچقانداق قىيىنچىلىققا يولۇقمىغانلىقى، قارايىملار بىلەن بىمالال سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور تېمۇر غوجا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى قارايىملارغا ئوخشىتىشقا بولىدىغانلىقىنى، گەرچە ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن قارايىملاردىن كۆپ ھېسابلانسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قوش تىل ۋە باشقا بىر يۈرۈش سىياسىتى ئاستىدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى، بۇ خىل ۋەزىيەتكە ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى بىلەن زىيالىيلىرىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.