قەيسەر ئۆزھۇن: «بىز تىلىمىزنى قوغداش، ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىمىز ئۈچۈن كۈرىشىشىمىز كېرەك!»

«ئادەتتە، بىر مىللەتنىڭ خاسلىقى دېگەندە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىل-يېزىقى نەزەردە تۇتۇلىدۇ. تىل-يېزىق غوللۇق بىر مەدەنىيەت ئامىلى».

0:00 / 0:00

ئەنە شۇ دۇنيادىكى تىللار ئىچىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئومۇمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھۈل ئاساسىدۇر، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتى، تىل-يېزىق سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى شۇنداقلا خىتاي تىل-يېزىق قانۇنىدىن باشقا، خەلقئارالىق قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەردە بەلگىلەنگەن مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم مەسىلە، شۇنداقلا بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەر ساھەلىرىگىچە تاقالدى. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇرلاردا تىل ۋە يېزىقنى قوغداش مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا تاقىلىدىغان چوڭ ئىش دەپ كۆڭۈل بولىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە ئىنتايىن زور مۇلاھىزىلەر، چوڭقۇر ئويلاشمىلار مەيدانغا كەلدى ۋە كەلمەكتە. «ھەق-ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ تىل ۋە تەرجىمە ھەق-ھوقۇقى بۆلۈم مەسئۇلى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق ھوقۇقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ، سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.