
ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى كومپيۇتېر ساھەسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىرچە تېخى تور سودىسىدا پەقەت توردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچى يەنى پۇل خەجلىگۈچى، پۇل تاپقۇچى ئەمەس.
چۈنكى بۇ، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «توردا سودا قىلىش ئۈچۈن چوقۇم كومپيۇتېر بىلىملىرىگە پىششىق بولۇشى، كۆپ پۇلى بولۇشى كېرەك» دەپ ئويلاپ جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقى، ياكى تور بىخەتەرلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتقانلىقى ۋە ياكى تور سودىسىنى نەدىن، قانداق باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىكەن.
خۇشاللىنارلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تور ھەۋەسكارلىرىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنتېرنېتقا دائىر سوئال ۋە گۇمانلارنى يېشىشىگە ياردەم بېرىدىغان، مەسلىھەت كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن تور بېكەتلىرىمۇ ئېچىلىشقا باشلىغان، بۇلارنىڭ بىرى ئۈرۈمچى تور ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى، نۆۋەتتە بۇ شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى ياش ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئەمەتجان رۇسۇل بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن، تور سودىسىغا قىزىقىۋاتقان، ئەمما نەدىن باشلاشنى بىلەلمىگەن ئاڭلىغۇچىلىرىمىز پايدىلىق ئۇچۇر ۋە مەسلىھەتكە ئىگە بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.