تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

يېقىندا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2012.08.28
kanada-turk-festiwali-uyghur-usul-305.jpg تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالىدا ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلار ئۇسۇل ئوينىماقتا. 2012-يىلى ئاۋغۇست، كانادا.
RFA/Gulshen Abduqadir

تۈرك فېستىۋالى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت فېستىۋالى بولۇپ، فېستىۋالغا تۈركى مىللەتلەر سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر، ئازەرى، تۈركمەن، كەركۈك تۈركلىرى قاتارلىق مىللەتلەر قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ سەددىچىن سېپىلىدىن ئادرىئاتىك دېڭىزىغىچە سوزۇلغان كەڭ جۇغراپىيىدىكى تۈرك مەدەنىيىتىنى كانادادا ئورتاقلىشىدۇ ۋە كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرىدۇ.

تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالىدىن يەر ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تىزگاھى. 2012-يىلى ئاۋغۇست، كانادا.
تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالىدىن يەر ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تىزگاھى. 2012-يىلى ئاۋغۇست، كانادا.
RFA/Gulshen Abduqadir

بۇ يىل تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالى 6-قېتىملىق تۈرك فېستىۋالى بولۇپ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم بىر قەدەر سىستېمىلىق تەييارلىق بىلەن بۇ فېستىۋالغا قاتناشتى.

تۈرك فېستىۋالىغا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى بۇ قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تىزگاھ ئاجراتقان بولۇپ، تىزگاھتا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى، ئەتلەس، مۇزىكا ئەسۋابلىرى، پىچاق، كىيىم-كېچەك ۋە كەشتىچىلىك مەدەنىيىتىگە ئائىت 6 تۈر بويىچە 100 خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال ناملىق كىتاب يەرمەنكە قىلىندى.

بۇ قېتىمقى 6-نۆۋەتلىك تۈرك فېستىۋالى تورونتو شەھىرىنىڭ ئاۋات مەركىزىگە جايلاشقان مېتروھالل مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەيدان ئىچىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ مەدەنىيىتى ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملىك سۈرەت ئېسىلدى. شۇ كۈنى يەكشەنبە بولغاچقا، فېستىۋالغا قاتناشقان ئادەم سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تىزگاھىمۇ ئىنتايىن نۇرغۇن كانادالىق مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. سىلەر كىم؟ ئۇيغۇرنىڭ قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، نەدە ياشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز؟ دېگەن سوئاللار فېستىۋال جەريانىدا ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ كۆپ سورالغان سوئال بولدى. نۇرغۇنلىغان كانادالىقلار ئىنتايىن قىزىقىش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى باشلىرىغا كىيىشىپ، رەسىملەرگە چۈشۈشتى.

تۈرك فېستىۋالى جەريانىدا ئوينالغان ئۇيغۇر ئۇسۇلى كانادالىقلارنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر نۇقتا بولدى. ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلار ئۇسۇللىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كانادالىقلار ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلارنى ئورىۋېلىشىپ ئۇيغۇرلارغا ئائىت سوئاللار سوراشتى ۋە ئۇسسۇلچىلار بىلەن بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى.

بىز فېستىۋال جەريانىدا تۈرك فېستىۋالىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى مەخمەدگۈل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.