تورونتودا يەنە ھۈسەيىن جېلىلغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش، نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ۋە كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى يەنىلا تۇرمىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىش تورونتودىكى خىتايلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايوندا باشلىنىپ،خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا داۋام قىلدى.ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان ھەرخىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشقا ئۇيغۇرلار ۋە كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 60 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش كاتىبى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى يەكشەنبە كۈنى، تورونتودىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ خىتاي ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىگە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىش ئىكەنلىگىنى تەكىتلىدى.

نامايىشتا خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغان بولۇپ، "نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تەشكىلاتى" نىڭ مەسئۇلى ماتتھېۋ ئەپەندى سۆزىدە،كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە جىددى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ: "ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 2 يىلدىن بېرى، خىتاي تۇرمىسىدا تۇرۇشىنىڭ ئۆزى كانادا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق ئىش.كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ۋە دەررۇ ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە مەخسۇس بىر ئۆمەكنى تەشكىللەپ خىتايغا ئەۋەتىشى، زۆرۈر بولغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئۇنى ئايالى ۋە 4 پەرزەنتى بىلەن جەم قىلىشى كېرەك. بۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى،" دېدى. ئۇ سۆزىدە، ھۈسەيىن جېلىل تەۋە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ھوقۇقلىرى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى نامايىشقا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كامىلە خانىم قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

بىز نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇلار نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتىنى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر ئازاپلارنى تارتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.