بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى تورونتو ۋە ۋانكوۋېرلاردا نامايىش

ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدا باشلىنىشى بىلەن خىتاي دائىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىمۇ قايتىدىن باشلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.08

 بۈگۈن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تورونتو بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، خىتاي دېموكراتلىرى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاستىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بېرما، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى تورونتودىكى ئونتارىئو شىتاتى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنىڭ باھانىسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

تورونتودىكى ھەر ساھەدىن بولۇپ، 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشقان بۇ پائالىيەت تورونتو ۋاقتى بىلەن سائەت 11 ئەتراپىدا باشلاندى. بۈگۈنكى نامايىشتا، نامايىش ئەھلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېنچلىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ۋاستىغا ئايلاندۇرۇشىغا قارىتا سىمۋوللۇق تۈستىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىم ئۇيغۇرلار چېكىۋاتقان زۇلۇمنىڭ تىبەتلىكلەر تارتىۋاتقان زۇلۇمدىن ھەسسىلەپ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. پەيشەنبە كۈنى، يەنى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدە باشلانغان ۋاقىتلاردا، كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ شەھەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بىرلەشمە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

بىز تورونتو ۋە ۋانكوۋېردىكى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زۇلۇملىرى ھەققىدە توختالدى.

پەيشەنبە كۈنى كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشىغا مونترېئال شەھرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.