0:00 / 0:00
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە تورونتودىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى قاتناشقان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام ۋە سىياسەت بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور كاتھي بۇللوكك خانىم، كانادا يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن دوكتور مەريەم ۋە دوكتور ھۇدا ھاتتاپ خانىم قاتارلىق ئۈچ نەپەر سوتسىئولوگىيە ۋە ئىسلام تەتقىقاتچىسى ئاياللارنىڭ تەربىيىلىنىشى، ئىسلام دىنىدا ئاياللارنىڭ تۇتقان ئورنى، ئىسلام ۋە باشقا دىنلاردىكى تەرەققىيات مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆز قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
