بىر تۇڭگان زىيالىيسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى (2)

خا سۈنفاڭ خانىم " شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلە ھەققىدە قىسقىچە بايان" ناملىق ماقالىسىدە قوش تىللىق مائارىپ ئۈستىدىمۇ توختالغان. ئۇ قوش تىللىق مائارىپنى ئۇيغۇر مىللىي روھىيىتىگە قارىتا ھۇجۇم دەپ بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2008-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي كەمسىتىشنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئاپتور قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: " قارىماققا، قوش تىللىق مائارىپنىڭ غايىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىزمەت تېپىش ئىمكانىنى يۈكسەلتىش، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇر مائارىپىنى يوق قىلىش."

ئاپتور ماقالىسىدە قوش تىللىق مائارىپنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈشىدە زور چېكىنىش بولغانلىقىنى، زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىنى، بۇ يەردىكى مەسىلە يالغۇز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشسىز قېلىشىلا ئەمەس، بىر مەدەنىيەت ، بىر تارىخنىڭ سەھنىدىن قوغلىنىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "شۇنداق، خەنزۇچە ئۆگىنىش دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، ئەمما خەنزۇچىنى ئومۇملاشتۇرۇش قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان بىر جەريان ئەمەس، بىر مىللەتنى بىردىنلا ئانا تىلىنى تاشلاپ باشقا بىر تىلنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش بۇزغۇنچىلىق سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس."

ئەڭ مۇھىمى - دەيدۇ خا سۇنفاڭ خانىم ماقالىسىدە ،‏ - تىل يالغۇز بىر مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى ئەمەس، ئۇ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي تارىخنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان، مىللىي روھقا ئوزۇق يەتكۈزۈدىغان كارۋاندۇر. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش دەۋرگە ماسلىشىش دېمەكتۇر، ئەمما دەۋرگە ماسلىشىش مىللىي روھتىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك."

قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى ھەر قايسى ساھە كىشىلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل چۈشەندۈرۈلمەكتە. نۇر بەكرىنىڭ قارىشىچە، قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈندۇر، ۋاڭ لېچۈەننىڭ قارىشىچە يەنى ئۇنىڭ خوڭكوڭدىكى سۇمۇرۇغ تېلېۋىزىيىسىدە بايان قىلىشىچە، قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇرلارغا جۇڭخۇا ئېڭىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

زىيالىي خا سۈنفاڭ خانىمنىڭ قارىشىچە بولسا، قوش تىللىق مائارىپ غايىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر نەتىجىسى بۇزغۇنچىلىقتۇر. خا سۇنفاڭ خانىم بۇ نۇقتىدا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خەنزۇ تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراڭغۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي تەرەققىيات قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، تەبىئەتنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىجرائەتنىڭ جەمئىيەتكە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، قىسقىسى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقان خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ، دۆلەت ئۈچۈنمۇ زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خا سۇنفاڭ خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي كەيپىياتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "ئۇيغۇرلار ھازىر بارلىق ھەقسىزلىقلارغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، لېۋىنى چىشلەپ سەۋر قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر دۆلەت ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ، مەسىلىنى ئوڭشىمىسا، مەن ئىشىنىمەنكى ، بۇ مىللەت ئاخىر بىر كۈنى قوزغىلىدۇ؛ ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي شان-شەرىپىنى تىكلەيدۇ."

خا سۇنفاڭ خانىم ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: باراك ئوباما، ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولدى؛ دېمەك دۇنيا ئۆزگىرىۋاتىدۇ؛ بۇ ئۆزگىرىشتىن جۇڭگومۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەگەر جۇڭگو ھەقىقەتەن قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولماقچى بولسا، بۇ دۆلەتتىكى 56 مىللەت باراۋەر بولۇشى كېرەك، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيىسى ئاخىرلىشىشى كېرەك؛ زۇلۇم توختىشى كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، "ئۇيغۇرلار توردا" ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان، " شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە قىسقىچە بايان" ناملىق ماقالىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى توغرىسىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت