' تۇرانىلار ۋە پان - تۇرانىزم ' ناملىق تارىخي ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى

"تۇرانىلار ۋە پان - تۇرانىزم" دېگەن تارىخي ئەسەر ئەخمەت يەسەۋىي فوندىغا قاراشلىق يەسەۋىي نەشىرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ كىتاب ئەسلىدە 20 ‏ - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى M15 نىڭ خادىملىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئايلىنىپ يۈرۈپ توپلىغان ئۇچۇر ئاخبارات بولۇپ، M15 نىڭ خادىملىرى تۈركىي سىستېمىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى، ئىرقىي، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى، تارىخىي، نوپۇسى ۋە جۇغراپىيىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بۇ ئۇچۇر ‏ - ئاخباراتلار دوكلات شەكىلدە تەييارلاپ ئەينى دەۋىردىكى ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىغا سۇنۇلغان.

كېيىن بۇ ئۇچۇرلار رەتلىنىپ كىتاب شەكىلدە ئېنگىلىز تىلىدا، 1919 ‏ - يىلى "تۇرانىلار ۋە پانتۇرانىزم ھەققىدە قوللانما " دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا "ئىنتايىن مەخپىي" دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

بۇ كىتاب ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ تارىخىي ئەھمىيەتلىك تەپسىلى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ كىتاب شېنۇل دۇرغۇن ۋە گونجا بايراقدار دېگەن شەخسلەر تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان، ئەھمەت يەسەۋىي فوندىغا قاراشلىق يەسەۋىي نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2008 ‏ - يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە "ئېنگىلىز بىخەتەرلىك ئورگىنى M15 نىڭ تۇرانىلار ۋە پانتۇرانىزم ھەققىدىكى قاراشلىرى" دەپ نام بېرىلگەن.

كىتابتا كۆرسىتىشىچە، تۇران پارىسچە سۆز بولۇپ، ئاسىيادا ياشايدىغان تۈركىي سىستېمىدىكى خەلقلەر تەرىپىدىن تارىختا قۇرۇلغان تۇران ئىمپىراتۇرلۇقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن، كىتابتا، "تۇران مىلادىيىنىڭ 1000 ‏ - يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەيھۇن ۋە ئامۇ دەرياسى بويلىرىدىن رۇمىنىيە چېگرىسىغىچە، خىتاي ۋە خوتەنگىچە سوزۇلغان چوڭ تۇپراقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دېيىلگەن. ھەمدە تۇران ۋە ئىران چېگرىسى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئارال دېڭىزىدىن ئايرىلىدىغانلىقى يېزىلغان.

بۇ كىتاب ئاساسلىقى 6 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمى، تۈرك ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا، تۈركىي سىستېمىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىرقىي كېلىپ چىقىشى، مىللىتى،، تىلى، دىنى، ئۆرۈپ ئادىتى، نوپۇسى، تارىخي ۋە مەدەنىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىككىنچى بۆلۈمىدە بولسا، تۈركىي خەلقلەرنى بەش ئاساسىي قىسىمغا ئايرىغان بولۇپ، ھەر بىر قىسىمنى بىر قانچە ئىرققا ئايرىپ چۈشەنچە بەرگەن.

366 بەتلىك بۇ كىتابتا پانتۈركىزم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: پانتۈركىزمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىدا تۈركىي سىستېمىدىكى مىللەتلەرنىڭ پۈتكۈل خەلقلىرى بىرلىشىش، تۈركلەرنىڭ ئەسلى ئانا يۇرتى پەقەت تۈركىيە ۋە تۈركىستان بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئەبەدىيلىك بىر تۇران دۆلىتىنى قۇرۇپ، دۇنياغا ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاساسى كۈچى بولغان تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش"، 6 ‏ - بۆلۈمىدە بولسا تۈركلەر ۋە تۈركىي سىستېمىدىكى، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، قىرىم تاتارلىرى، نوغاي، قاتارلىق 42 مىللەتنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى، تارىخىي، جۇغراپىيىسى، ھەققىدە توختالغان.

كىتابتا، تۈركىي خەلقلەرنىڭ نوپۇسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن، 1914 ‏ - يىلدىكى ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا دۇنيادىكى پۈتكۈل تۈركلەرنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 48 مىليون بولۇپ، 26 مىليونى ئاسىيادا، 22 مىليونى ياۋروپادا ياشايدۇ، دېيىلگەن

كىتابتا يەنە ئاسىيادىكى تۈركلەرنىڭ 6 مىليونى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا، 8 مىليون 200 مىڭ تۈرك رۇسىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدا، 3 مىليون 500 مىڭ تۈرك ئىراندا ۋە 8 مىليون تۈرك كىچىك ئاسىيا يەنى ئوسمانىيە ئىمپېراتۇرلۇقىدا ياشايدۇ" دېيىلگەن.

كىتابتا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنى تىلغا ئالغاندا بىرىنچى قاتاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ جەنۇبى قىسمى ئۇيغۇرلار دەپ تونۇلغان. بۇ ئاتالغۇ ياۋروپادا 6 ‏ - ۋە 7 ‏ - ئەسىرلەردە تونۇلغان ۋە ياۋروپادا ئۇيغۇرلارغا Par Excellence يەنى "مۇكەممەل تۈركلەر" دەپ باھا بېرىلگەن.

كىتابنىڭ بەزى تېمىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىزچە ۋە موڭغۇلچە "سارتلار" دېيىلىدىغان خەلق دەپ ئاتىغان، ئۇلار 7 ‏ - ۋە 8 ‏ - ئەسىردە ئۇيغۇر ئىمپېراتورلۇقى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ئاتىغان، بەزى يەرلەردە بولسا، تارانچىلار دەپ ئاتىغان، خىتاي 1858 ‏ - يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ، ئىلى ۋادىسى ۋە غۇلجا شەھرىنى ئىدارە قىلغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان شەخسلەرنى سىياسى جىنايەتچى دەپ تۆھمەت قىلىپ، 6000 مىڭدىن ئارتۇق خەلقنى غۇلجا ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا سۈرگۈن قىلغان، بۇ كىشىلەر كېيىن تارانچىلار دەپ ئاتالغان، غۇلجا ۋە ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1914 ‏ - يىلىدىكى ئىستاتىستىكىلاردا 40000 نەپەر، دەپ بايان قىلىنغان.

كىتابتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيىسى، تۈركلىرىنىڭ نوپۇسى ۋە تىلى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: " ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئاساسلىقى ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يەنى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدۇ، شەرقىي تۈركىستان ئادەتتە خىتاي - تۈركىستان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى تىيانشان تاغلىرى، جەنۇبى كوئېنلۇن تاغلىرى، غەربىي پامىر تاغلىرى بىلەن قاپلانغان، شەرقىي تەرىپى خىتاينىڭ گەنسۇ رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بۇ رايوندا تەكلىماكان چۆلى بار. جۇغراپىيە جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈچ تەرىپى تۈرك نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش، ئەمما قۇمۇل شەھىرى خىتايلار خامى دەپ نام بەرگەن رايون خىتايلارنىڭ چېگرىسىدۇر. خامى خىتايچىدا چېگرا مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. قۇمۇلدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبېكلەر ياشايدۇ، ئۇلاردا تۈركلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ."

كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: "شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسلىقى سارتلار ياشايدۇ، موڭغۇل ۋە قىرغىزلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى سارتلار دەپ ئاتايدۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى سارتلارنىڭ نوپۇسى ۋامبىرىي دېگەن شەخسنىڭ تەخمىن قىلىشىچە 1885 ‏ - يىلى ‏‏بىر مىليوندىن ئارتۇق. تاجىكلار، ئافغانلار، ھىندىلار، موڭغۇللار، خىتايلار ۋە تۇڭگانلارنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئۇلارنى قوشقاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1873 - يىلى فورسيىت دېگەن شەخسنىڭ تەخمىن قىلىشىچە ‏‏بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن."

كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر . ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچۈشكە باشلىغاندا شۇ يەردە ياشاپ قالغان تۈركلەردۇر. شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك شىۋىسى بولغان چاغاتاي تۈرك تىلى قوللىنىلىدۇ. بۇ تىل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك تىلى، خۇسۇسەن فەرغانە ئۆزبېكلىرىنىڭ تىلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھەتتا ھەر ئىككى رايوننىڭ تىل - يېزىقى ئوخشاشتۇر. ئۇيغۇر، ئۆزبېك تىللىرى قېرىنداش تىل دەپ قارىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلاردا ھەقىقىي تۈرك خاراكتېرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، غەربتىكى قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىي، ئاقكۆڭۈل كېلىدۇ. قەشقەر، يەركەنت ۋە خوتەن خەلقى نەچچە يۈز يىل مانجۇ ۋە خىتاي زۇلۇملىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ياشىغان بولسىمۇ ئۇلاردا يالغانچىلىق ۋە ھېلىگەرلىك ئاز ئۇچرايدۇ."

مەزكۇر كىتابتا يەنە خىتاي ھاكىمىيەتنىڭ بېسىم قىلىشى، رايوننىڭ ئىقتىسادىغا زىيان سېلىشى خەلقنىڭ نامرات قېلىشىغا سەۋەپ بولغانلىقى، باج ‏، ئالۋاڭ ‏ - ياساقلارنىڭ دېھقانلار بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرگە يۈكلەنگەنلىكى ئۈچۈن خەلق خىتاي ھاكىمىيىتىدىن نارازى ئىكەنلىكى، يەرلىك خەلقنىڭ تىلىنى بىلمىگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى كەمسىتىپ ھاقارەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق مۇناسىۋەت قۇرىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.

بۇ كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: " ئۇيغۇرلار 744 - يىلى ۋە 840 - يىللار ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرغان. ئۇيغۇرلار ئادەتتە شامانىزم دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن 10 ‏- ئەسىردە قاراخانىيلارنىڭ پادىشاھى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. 1220 - يىلى چىڭگىزخان تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان، تېمۇر 1389 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر دەرىجىدە قىرغىن قىلىپ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بارغان. خىتايلار 1858 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان. غەربىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىپ، 1825 ‏ - يىلى، 1830 ‏- يىلى ۋە يەنە 1847‏ - يىللىرى بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، ئۇرۇشتا خىتايلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. كېيىن 1857 ‏- يىلى بىر ئىچكى ئۇرۇش چىققان بولۇپ، خىتايلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئۇرۇش ئاچقان، بىر قانچە ئاي ئۇرۇشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى يەنە بېسىۋالغان. شۇنداق قىلىپ 1864 ‏- يىلى مانجۇلار خىتايلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى بىلەن تاشكەنتلىك ياقۇپ بەگنىڭ قوماندانلىقىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقارغان. ياقۇپ بەگنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھاكىمىيىتى 1877 - يىلىغىچە داۋام قىلغان. ياقۇپ بەگنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرۇش خىيالى ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان. كېيىن ئوغۇللىرى ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلالماي ئاداۋەتلىشىپ قالغان. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن خىتايلار، 1878 - يىلى يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان."