3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە داۋاملاشقان مەزكۇر مۇزاكىرە يىغىنىدا، تۈرك تارىخ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇدىرى پروفېسسور دوكتور يۈسۈف ھالاچئوغلۇ، تونۇلغان تۈركولوگ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇدىرى پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، تارىخچى پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشاغىل، پروفېسسور مۇستافا ئارۇنشاھ قاتارلىق 16 ئالىم قاتناشتى ۋە دوكلات بەردى.
يېڭى ئۇپۇقلار مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئارگۇنشاھ، بۇ مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن باشقا، بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئارگۇنشاھ، تۈركىيە ۋە دۇنيادا مۇھىم مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە بۇ خىل مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ يەنىلا قىزىق تېما ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ مۇزاكىرە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىغان ۋاقتىمىزدا تېخى تۇنىستا ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلمىغان ۋە مىسىردا ھۆسنۈ مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمىگەن ئىدى. 2011-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغانلىقىغا 20 يىل توشىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى قان تۆكۈلۈش بولماستىن پارچىلىنىپ 15 جۇمھۇرىيەت ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان تاجىكىستانمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا تاتارىستان قاتارلىق بىر قانچە ئاپتونومىيىلىك تۈرك جۇمھۇرىيىتىمۇ بار.»
ئارگۇنشاھ ئەپەندى، يىغىندا بالقانلاردىن ئوتتۇرا شەرققىچە، سىبىرىيىدىن خىتايغىچە بولغان بىپايان تۈرك تۇپراقلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«تۈرك دۇنياسىدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىدىن تۈرك دۇنياسى ساۋاق ئېلىشى كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى دېموكراتىيىلىشىشنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك، مۇزاكىرە نەتىجىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا دوكلات قىلىپ ئەۋەتىمىز.»
يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئارگۇنشاھ سۆزىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەنلىكى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىككى كۈن داۋاملاشقان «تۈرك دۇنياسىدىكى يېڭى ۋەزىيەت ۋە تۈركىيە» تېمىسىدىكى بۇ يىغىندا داڭلىق پروفېسسورلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە بىلەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، بالقان يېرىم ئارىلى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىراندىكى يېڭى ۋەزىيەت، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەر، سىبىرىيە، موڭغۇلىستان ۋەزىيەتلىرى ھەم تۈركىيىنىڭ بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان بىر خەلق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى. تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىشتى.