تۈركىيىدە خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى چاقىرىلدى

10-دېكابىر كۈنى ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ ب د ت دا قوبۇل قىلىنغانلىقىغا 63 يىل توشقان كۈن. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنقەرە يېقىنىدىكى بېيپازارى ناھىيىسىدە «تۈرك دۇنياسىدا ئىنسان ھەقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.12.12
turk-dunyasi-insan-heqliri-jemiyiti-reisi-abdullah-buksur-305.jpg «تۈرك دۇنياسىدا ئىنسان ھەقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2011-يىلى 10-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى قىلدى. كېيىن ئايفەر ئاقسۇ خانىم «ئاغىسكا تۈركلىرىدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا، سۈرىيىدىن كەلگەن ئالىي ئۆزتۈركمەن ئەپەندى بولسا«سۈرىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە سۈرىيىدىكى تۈركمەنلەرنىڭ ۋەزىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

turk-dunyasi-insan-heqliri-yighini1-385.jpg
«تۈرك دۇنياسىدا ئىنسان ھەقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 10-دېكابىر، تۈركىيە. سولدىن ئونغا: ئۇيغۇر خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل، ئايفەر ئاقسۇ (ئاگىزكا تۈرك)، ئالىي ئۆزتۈركمەن (سۈرىيە)، جاۋات ئابباسى (ئىران)،
RFA/Erkin Tarim

ئىراق ئىنسان ھەقلىرى مەركىزى مۇدىرى مەھمەت سامانجى ئەپەندى «ئىراقتا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا، ئىرانلىق جاۋات ئابباسى بولسا «ئىراندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا، گرۇزىيىدىن كەلگەن كامۇران مەمەدوف بولسا «گرۇزىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا، ئەزەربايجان ئايال ھەقلىرى جەمئىيىتى رەئىسى نەرمى ئابباس خانىم «ئەزەربايجاندىكى خانىم-قىزلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا، ماكىدونىيىدىن كەلگەن ئەنەس ئىبراھىم ئەپەندى بولسا «ماكىدونىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا، بۇلغارىيىدىن كەلگەن زەكىيە ھابىب خانىم بولسا «بۇلغارىيىدىكى تۈركلەر دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا، موڭغۇلىيىدىن كەلگەن ماندۇھاي ماگى خانىم بولسا «موڭغۇلىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا، قىرىم تاتارلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئۈنۋەر سەل ئەپەندى «ئۇكرائىنادىكى تاتارلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

turk-dunyasi-insan-heqliri-yighini2-385.jpg
«تۈرك دۇنياسىدا ئىنسان ھەقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 10-دېكابىر، تۈركىيە. سولدىن ئوڭغا: مەمەت سامانجى، قىرىم تاتارلىرىدىن ئۈنۋەر سەل، نوگاي مىللىتىدىن سامى نوگاي ئەپەندى، گرۇزىيىدىن كامۇران مەمەدوف.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى«شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. يىغىنغا تۈركىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بېيپازارىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاخبارات خادىملىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-10-دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە بۇ يىغىننى چاقىرىشىمىزدىكى مەقسەت، دۇنيادا مەيدانغا كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. بۈگۈن دۇنيادا مەيدانغا كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز بۇ مەقسەت بىلەن بۇ يىغىننى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز.

ئۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى، ئىراندىكى ۋە سۈرىيىدىكى ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بىر ئاي بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، سۈرىيىدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىران ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن دوزاققا ئايلانغان بولسىمۇ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭدىن تازا خەۋىرى يوق. بىز دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بۇ دۆلەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنىمىزدا 12 دۆلەتتىن كەلگەن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ، بىز بۇلارنى دوكلات قىلىپ تەييارلاپ تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا يوللايمىز.

خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن،كېيىن خىتاينىڭ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشتىڭ ياكى بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلدىڭ دەپ ئەيىبلەپ تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىغىچە ئاشكارىلانمىغانلىقىنى ئېيتتى. خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندا پەقەتلا شېئىر، ھېكايە، ماقالە يازغانلىقى، تور بېتى ئاچقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان غەيرەت نىياز، گۈلمىرە ئەمىن، مەھبۇبە ئابلەش، مەمەتجان ئابدۇللاھ، مەمەت تۇرغۇن ئابدۇللاھ، نۇرمەمەت ياسىن ۋە تۇرسۇنجان ھېزىمگە ئوخشاش زىيالىيلارنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ھۆكۈمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭمۇ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ياشاش ھەققىغىمۇ ئىگە ئەمەسلىكىنى، تىلىنىڭ، دىنىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

كېيىن سۈرىيە تۈركمەنلىرىدىن ئادۋوكات ئالىي ئۆزتۈركمەن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈنكى سۈرىيە زېمىنىغا 900-يىلىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تۈركمەنلەرنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى، 1918-يىلىغىچە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشىغانلىقىنى، 20 يىل فرانسىيىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا ياشىغاندىن كېيىن، سۈرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، شۇ كۈندىن بېرى سۈرىيىدىكى تۈركمەنلەرنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇشىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى، ھافىز ئەساد ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۈركمەنلەرگە ئېغىر بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى دېدى. ئۇ يەنە سۆزىدە ئەسلىدە سۈرىيىدە 3 يېرىم مىليون تۈركمەن نوپۇسى بارلىقىنى، كېيىنكى 45 يىل ئىچىدە 2 مىليون تۈركمەننىڭ ئەرەبلىشىپ ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۈگۈن بىر يېرىم مىليون تۈركمەننىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى دېدى. ئادۋوكات ئالىي تۈركمەن ئەپەندى قىلغان سۆزىدە ھازىر سۈرىيىدە بولۇۋاتقان ۋەقەدە ئەڭ كۆپ تۈركمەنلەرنىڭ زىيان كۆرگەنلىكىنى، ھازىرغىچە 400 ئەتراپىدا تۈركمەننىڭ سۈرىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراندىن كەلگەن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى جاۋات ئابباسى ئەپەندىمۇ ئىراننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىي مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئىران نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئەزەربايجان تۈركلىرى، تۈركمەنلەر ۋە قاشقايلارنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇش ھەققىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىندا 12 دۆلەتتە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.