تۈركىي خەلقلەرگە بالايى - ئاپەت ئېلىپ كەلگەن ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى

5 - ئاينىڭ 8 - 9 - كۈنلىرى ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان "غالىبىيەت بايرىمى" كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيە ھەم باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا مەملىكەتلەر 9 - ماي كۈنىنى غالىبىيەت كۈنى سۈپىتىدە 63 يىلدىن بېرى ئىزچىل خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئىنسانىيەتكە ئېغىر بالايى - ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى جۈملىدىن گىتلېر فاشىزىمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا ئىنسانىيەت ئىنتايىن زور بەدەل تۆلىدى.

بۇ جەرياندا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقى بولۇپ، تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ھۆكۈمىتى 1941 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە داۋاملاشقان مەزكۇر تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا 18 مىليون سوۋېت خەلقىنىڭ چىقىم بولغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن ئېنىقلانغان كۆپلىگەن مەخپىيەتلىكلەر ۋە تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدىن پاش بولۇشىچە، ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 27 مىليونغا يەتكەن.

بۇ ئۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تەخمىنەن ئىككى مىليونغا يېقىن ئوغۇل - قىزلىرى ئوز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن يىراقتا ياشىغانغا قارىماي، ئوخشاشلا زور بەدەل تۆلىگەن.