تۈرك فىلىمى ئۇيغۇر ئېلىدە چەكلەندى

تۈركىيىنىڭ «بۆرىلەر ۋادىسى-تۇزاق» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان، فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى پولات ئەلەمدار ئۇيغۇرلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بىراق مەزكۇر فىلىمنىڭ مەزمۇنى خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنى جىددىي بىئارام قىلىشقا باشلىغان. ئىگىلىشىمىزچە دائىرىلەر يېقىندا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەزكۇر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى چەكلىگەن. مەزكۇر فىلىمنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ۋە فىلىمنى كۆچۈرۈش ۋە سېتىشنى مەنئى قىلغان. د ئۇ ق ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم كىشىلەر مەزكۇر فىلىم سەۋەبلىك جازالانغان.

مەزكۇر فىلىمنىڭ چەكلەنگەنلىكى دائىرىلەر تەرىپىدىن رەسمىي ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، بىراق پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئۇلانمىلاردىن مەزكۇر فىلىم ئېچىلمىدى. ئۇيغۇر تورچىلىق ساھەسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «بۆرىلەر ۋادىسى-تۇزاق» خىتاينىڭ «يۇكۇ»،«سىنا» قاتارلىق ئاساسلىق مۇلازىمېتىرلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەچكە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېچىلماس بولۇپ قالغان.

«5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ئالاقىسى كۈچىيىپلا قالماي، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشى تېز كېڭەيگەن. بۇ باھانىدە تۈركىيە فىلىملىرى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنغان كۆپلەپ كىرىپ، ناخشا-مۇزىكا، كىنوچىلىق ساھەلىرىدە تۈرك قىزغىنلىقىنى قوزغىغان.

«بۆرىلەر ۋادىسى ‏-تۇزاق» قىزغىنلىق قوزغىغان شۇ فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىستانبۇلغا ساياھەتكە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ نەجاتى شاشمازنى زىيارەت قىلىشى، ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشۈشى ئىستانبۇل ساياھىتىنىڭ مۇھىم پارچىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

مەزكۇر فىلىمنىڭ بۇ يىل خىتايدا «تۈركىيە مەدەنىيەت يىلى» ئېلان قىلىنغان مەزگىلدە چەكلىنىشى دىققەت قوزغايدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر تورچىلىق ساھەسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە «بۆرىلەر ۋادىسى ‏-تۇزاق» نى چاپلىماسلىق توغرۇلۇق ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر فىلىم بەزى تور بەتلىرىدە ھەر خىل يوللار ئارقىلىق داۋاملىق چاپلىنىپ كەلگەن.

«بۆرىلەر ۋادىسى‏-تۇزاق» نىڭ تۈركىيە مەدەنىيەت يىلىدا چەكلىنىشى تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاسىنى قوزغايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز «بۆرىلەر ۋادىسى-تۇزاق» نىڭ ۋاكالەتچى«پانا» فىلىم ستۇدىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ قانداق سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ فىلىمنى چەكلىگەنلىكى مەجھۇل. بىراق فىلىمنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بۆرىلەر ۋادىسى-تۇزاق» نىڭ 171، 176‏-قىسمىدا بىر ئۇيغۇر رول ئالغان. فىلىمدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بولغان دىئالوگلار خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنى بىئارام قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

فىلىمنىڭ بۇ قىسمىدا پولات ئەلەمدار «چېچىنىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەركىنلىككە ئىنتىلىش روھىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا، ھامان بىر كۈنى مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ»، «بىز كۈرەشنى شەرقىي تۈركىستان، چېچىنىيىدە داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان.

بىراق د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەشقەردە مەزكۇر فىلىمگە چېتىلىپ قالغان يۈز نەچچە كىشىگە تەربىيە بېرىش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق جازالار بېرىلگەن. ئۇ، مەزكۇر فىلىمگە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان 16كىشىنىڭ ئىز دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

«بۆرىلەر ۋادىسى ‏-تۇزاق» نى چەكلەش قارارىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا چاقىرغان تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن شۇ قېتىملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ھەر قايسى تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىشى» نى تەلەپ قىلغان. «بۆرىلەر ۋادىسى-تۇزاق» نىڭ دەل مۇشۇ مەزگىلدە توسۇپ قويۇلۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بۆرىلەر ۋادىسى‏-تۇزاق» تىكى باش قەھرىمان پولات ئەلەمدارنىڭ ئۇيغۇرلار قەلبىدىكى قەھرىمانلىق ئوبرازى، ئۇيغۇرلاردىكى تۈرك فىلىملىرىگە بولغان ھەيرانلىق، خىتاي مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسىگە رىقابەت ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنى قاتتىق بىئارام قىلغان.

نەجاتى شاشماز ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈرك كىنو چولپانلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى بىر تۈرك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى تېما قىلغان بىر فىلىم ئىشلەش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.