ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر دىيارىدا تىل كۇرسى ئاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ دېيىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب تىلىنى دىنىي تىل، تۈرك تىلىنى سىياسىي تىل دەپ كۇرس ئاچقىلى قويمايدىكەن. بۇلارنىڭ سىرتىدا يېقىندىن بېرى تۈرك بايرىقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكا كىيگەن ئۇيغۇر ياشلارنىڭمۇ سوراققا تارتىلغانلىق خەۋىرى تۈرك سىياسەتچىلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتتى. راستىنلا تۈركچە سىياسىي، ئەرەبچە دىنىي تىلمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تىللارنى ئۆگىنىشىگە چەكلىمىلەرنى پەيدا قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنىڭغا تۈرك سىياسىيونلار قانداق قارايدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، پارلامېنت ئەزاسى دوكتور رىشات دوغرۇ ۋە ئۇزۇن يىل چەتئەل تىلى كۇرسى ئاچقان ئەنۋەر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى در. رىشات دوغرۇ ئەپەندى خىتاينىڭ تۈرك تىلىنى سىياسىي تىل دەپ ئۆگەتكىلى قويمايۋاتقانلىقىغا بولغان كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە خىتاي تىلى، ھەممە ئادەم ئۆگىنىشنى خالايدىغان، ئۆگىنىشتە ھېچ قانداق چەكلىمە يوق بىر تىل. بۇنداق بىر ئەھۋالدا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەڭ باراۋەرلىك بولىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك تىلى ئۆگىتىدىغان كۇرسلارنىڭ ئېچىلىشى، مەكتەپلەردە تۈرك تىلى دەرسىنىڭ بېرىلىشىنى تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. بىز بۇ يەردە خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى ئەركىن قويۇۋەتتۇق، خىتايمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تۈركچە ئۆگىنىشنى ئەركىن قويۇۋېتىشى كېرەك. تۈرك تىلى ئۆگىتىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن قورقماسلىق كېرەك. بۇ بىر ئىنسان ھەققىدۇر. ئىنسانلار قايسى تىلنى ئۆگەنگۈسى كەلسە شۇ تىلنى ئۆگەنسۇن، ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلماسلىق، بېسىم ئىشلەتمەسلىك كېرەك.»
پارلامېنت ئەزاسى سابىق دۆلەت مىنىستىرى در. رىشات دوغرۇ ئەپەندى تۈرك بايرىقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكا كىيگەن ئۇيغۇرلارنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ سوراققا تارتىشىنى ئۆز پارتىيىسى نامىدىن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ خىتاي بايرىقى ئېسىلغان يەرلەر بار. ئۇ يەردە بىز بىلەن بىر تۇغقان بىرىنىڭ تۈرك بايرىقىنى ئېسىشى، قولىدا كۆتۈرۈۋېلىشى ياكى مايكىسىدا تۈرك بايرىقىنىڭ رەسىمىنىڭ بولۇشىغا خىتاي خەۋپ دەپ قارىماسلىقى كېرەك. بۇنى قىلغانلارنى سوراققا تارتىش ئىپتىدائىي بىر ئىش، مەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى يېقىندىن تەقىب قىلىپ ۋاقتىدا خىتايغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»