يەتتىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىغا كۆپ ساندا ئۇيغۇر تۈركولوگ قاتناشتى

تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان يەتتىنچى نۆۋەتلىك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. 24 - سېنتەبىردىن 27 - سېنتەبىرگىچە ئەنقەرە بىلكەنت مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، رۇسىيە فېدىراتسىيەسى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى قاتارلىق 25 دۆلەتتىن 80 تۈركولوگ ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن 127 تۈركولوگ قاتناشتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.09.27
7-nowetlik-turk-tilliri-qurultiyi-305.png يەتتىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Erkin


ئۇيغۇر تۈركولوگلاردىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور غەيرەتجان ئوسمان، «قەشقەر دېئالىكتىدا ساقلىنىپ كەلگەن ئوغۇزچە سۆز ئاتالغۇلار» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى دوتسېنت، دوكتور موللىنىياز تۇرنىياز ئەپەندى «تىلىمىزنىڭ فونتېكىغا باي تىل ئىكەنلىكىنىڭ تاۋۇشلۇق ئاساسىي»، ئالىم يۈسۈپ ۋە پاتىگۈل مەمەت «ئۇيغۇرچىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالىسىنى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت، دوكتور ئابدۇسالام شۈكۈر نوھ، «قەدىمقى تۈرك تىلىنىڭ ئىسىتىلىستىكىلىق ئالاھىدىلىرى»، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان سايرام، «تۈركچە - ئۇيغۇرچە ئاھاڭداش سۆزلەر ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىنى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفسسور، دوكتور مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا خانىم، «سالارچىدىكى پېئىللارنىڭ بۇيرۇق رايىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى جەمىل چېچەك سۆزلىدى. ئۇ نۇتىقىدا تۈرك تىلى ئۇچراۋاتقان ئەڭ زور خەۋپلەردىن بىرىنىڭ تىلنىڭ بۇلغىنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بىر مىللەتنىڭ تىلى بۇزۇلسا، كۈلتۈرى ۋەيران بولىدۇ، ئىلىم ھاياتى بۇزۇلىدۇ. تىلنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىشلىتىلىشىمۇ بۇزۇلىدۇ. سۆزلىشىشتە قىينىلىمىز. بۇنىڭ بىلەن، باشقا تىللاردا سۆزلىشىشكە باشلايمىز. ئۆز - ئارا ياتلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۆز - ئارا سالام بەرگەندە ئوخشاش بىر كەيپىيات، ئوخشاش بىر دۇنيانى ھېس قىلالىغان ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق يىراقلىشىدۇ. نەتىجىدە بۈگۈننى ۋە كەلگۈسىنى يارىتىشتا قىيىنچىلىققا دۇچار بولىمىز.

مىللىي ئەنئەنىمىزنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتە، بىر - بىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا، نەسىللەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاشتا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايمىز. كۈنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسە بۇنىڭدىن ئىبارەت.

مەشھۇر شائىر فۇزۇلىنى، باقىنى چۈشەنمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇق. بۈگۈنكى يېڭى نەسىل 1923 - يىلى يېزىلغان چاناققەلئە داستانىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەسلىدە بۇ داستان، دۆلىتىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ تارىخى، مىللىتىمىزنىڭ مۇسىبىتىدۇر. بۇنى بىلىشىمىز، بۇنى ئۆگىنىشىمىز ۋە چۈشىنىشىمىز شەرت.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندى، يىغىندا قىلغان نۇتىقىدا تىلى يوق مىللەتنىڭ كۈلتۈرىنىڭمۇ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «تىلدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەن بىر مىللەتنىڭ، كۈلتۈر جەھەتتىنمۇ ھەقىقىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى يادىمىزدا تۇتىشىمىز كېرەك.»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يەتتىنچى نۆۋەتلىك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ماقالىلەرنىڭ كۆپى دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى يوق بولۇشقا يۈز تۇتقان كىچىك تۈركىي تىللار ۋە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىل سىياسىتى ھەققىدە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرچىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق گەپ - سۆز قىلماسلىقى دىققىتىمىزنى تارتتى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەسىراتىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىسمىنى ئاشىكارىلاشنى خاھلىمىغان ئۇيغۇر دوكتور ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىسمىنى ئاشىكارىلاشنى خاھلىمىغان دوكتور ئوقۇغۇچى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ كەمچىل بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.