تۈركىيە كابۇلدا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرماقچى


2008.03.19

تۈركىيىدىكى بەزى تېلېۋىزور قاناللىرىدا تۈركىيىنىڭ كابۇلدا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە يەر بېرىلدى. خەۋەردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ كېيىنكى 17 يىل ئىچىدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرغاندىن باشقا، بۈگۈنكى كۈندە ئافغانىستان، شىمالىي ئىراق ۋە كوسوۋا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تۈركىيە بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا قەدىمدىن تارتىپ زىچ مۇناسىۋەت بولغان

ئافغانىستاننى يېڭىدىن بىنا قىلىش ۋە ئۇ يەردە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بۇرۇندىن تارتىپ كۈچ چىقىرىۋاتقان تۈركىيە، ئەمدى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرماقچى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن تۈركىيە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورتاقلىشىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئىش پىلانىغا ئاساسەن قۇرۇلىدىغان تۈرك - ئافغان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالدى بىلەن، پېداگوگىكا فاكۇلتېتى ئېچىلىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار تۈركىيىدىن ئەۋەتىلىدىغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا پۈتۈن دەرسلەر ئېنگىلىز تىلى بىلەن تۈرك تىلىدا ئۆتۈلىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مۇتەخەسسىسلىرى تېلېۋىزورلاردا بايان قىلغان كۆز قاراشلىرىدا، تۈركىيە بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا قەدىمدىن تارتىپ زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى، ئافغانىستاندا مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەقەتلا ھەربىي كۈچكە تايىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل ياردەملەر بىلەن ئافغانىستان خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان دۆلەتلىرى بىلەن شېرىك ئۇنىۋېرسىتېت ئاچقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ئەمدى ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئارقىلىق يېڭى مۇستەقىل بولغان كوسوۋادا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە بىر قانچە يىل بۇرۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورتاق كومىتېت قۇرۇپ، ئافغانىستاندا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىغان، ئۇلار بۇ پىلاندا تۈركىيىنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن ئورتاقلىشىپ قۇرغان ئەھمەت يەسېۋى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆرنەك قىلغان. يەنە بىز مۇناسىۋەتلىك ئىدارىدىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ھازىرغىچە ئافغانىستاندا 20 ئەتراپىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئاچقان بولۇپ، ئەمدى ئۇنىۋېرسىتېت ئاچماقچى ئىكەن. ئافغان ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاستا - ئاستا باشقا فاكۇلتېتلار ئېچىلىدىكەن.

تۈركىيە ئافغانىستاندا نېمە خىزمەتلەرنى قىلدى

تۈرك شىركەتلىرى بۈگۈنگىچە ئافغانىستاندا بىر يېرىم مىليارد دوللارلىق، 209 ئىش پىلانىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ھازىرغىچە 27 مەكتەپنىڭ بىناسىنى سالغان، 38 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. بۇلاردىن باشقا تۈركىيە ئافغانىستانلىقلارغا 5 دوختۇرخانا، 5 شىپاخانا سېلىپ بەرگەندىن باشقا، 78 قۇدۇق ئېچىپ بەرگەن. بۇلاردىن باشقا تۈركىيە ئارمىيىسى ئافغانىستاندىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ياردەم ئارمىيىسى يەنى ئىسافتا ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە. تۈركىيە ئارمىيىسى ھازىرغىچە ئىككى قېتىم بۇ خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئافغانىستاندا تۈركىيە دۆلىتى ئاچقان مەكتەپلەردىن باشقا، تۈرك ۋەقىبلىرى قۇرغان مەكتەپلەرمۇ بار. ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا تۈركىيىگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد مىلىباند، تۈركىيىنىڭ خەلقئارادا ئويناۋاتقان ئىجابىي رولى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركلەرنىڭ ئافغانىستاندا ئاچقان قىز ئوتتۇرا مەكتىپىنى ماختىغان ئىدى. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماختىغان بۇ مەكتەپ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئېچىلغان ئىدى. ئافغانىستان دۆلەت باشلىقى خامىت كارزاي يېقىندا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، تۈركىيىنىڭ مائارىپ جەھەتتىن ئافغانىستانغا قىلغان ياردىمىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ ئافغانىستاندا تېخىمۇ كۆپ مەكتەپ ئېچىشىنى تەلەپ قىلغان.

تۈركىيە شىمالىي ئىراق ۋە كوسوۋادىمۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئاچماقچى

19 - مارت كۈنى تۈركىيە ياۋرو - ئاسىيا گۈندەمى ناملىق ئىنتېرنېت گېزىتىدە يەر ئالغان خەۋەرگە قارىغاندا تۈركىيە، يېڭى مۇستەقىل بولغان كوسوۋا بىلەن شىمالىي ئىراقتىكى تۈركمەنلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان ئەربىل ۋىلايىتىدىمۇ ئۇنىۋېرسىتېت قۇرماقچى ئىكەن. كوسوۋا دۆلەت باشلىقى فاتمىر سەيدىئۇ تۈركىيىنىڭ بۇ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تۈركىيىدىكى تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قۇرغۇچىسى پروف. در. ئىھسان دوغراماچى شىمالىي ئىراقنىڭ ئەربىل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا خارۋېرت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيىگە جايلاشقان. ئۇ ھازىر ئەربىل ۋەخپىنى قۇرۇپ، بۇ ۋەقىپ ئارقىلىق تۇغۇلغان يۇرتى ئەربىلدە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ.

ئافغانىستاننىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئورنى

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ئۇنىۋېرسىتېتلار قۇرماقتا. ئافغانىستاندىمۇ ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشتىكى مەقسىدى نېمە؟ غازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. مەھمەت سەيفەتتىن ئەرول ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىش پىلانلىرى تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن دېگەندە ئافغانىستان ئادەتتىكى بىر يەر ئەمەس، جەنۇبىي تۈركىستاندۇر. ئىككىنچىدىن ئافغانىستان، قەدىمدىن تارتىپ، بولۇپمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىتتىن تارتىپ تۈركىيىنىڭ تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن بىر دۆلەت. شۇڭا تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىدى. 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ئافغانىستانغا كىرگەندىن كېيىن، ئافغانىستاندا ۋە دۇنيادا يېڭى بىر ۋەزىيەت مەيدانغا چىقتى، تۈركىيە بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئافغانىستانغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلماقتا. ئافغانىستاندا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش پىلانىمۇ بۇلاردىن بىرى دەپ قارايمەن.

در. مەھمەت سەيفەتتىن ئەرول ئەپەندى ئافغانىستاننىڭ تۈركىيىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئېچىلغان ئىشىكى ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستاندا كۆپ ساندا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا تۈركىيىنىڭ ئۇ يەردە ئۇنىۋېرسىتېت ئېچىشنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيىدىن قارايدىغان بولساق، ئافغانىستان تۈركىيىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئېچىلغان ئىشىگىدۇر. ئىككىنچىسى ئافغانىستاندا مۇقىملىق بەرپا بولسا، تېررورنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن ئافغانىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى، چۈنكى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تۈركىي مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. تۆتىنچىدىن ئافغانىستان ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىتىنى ھىند ئوكيانى ئارقىلىق دۇنياغا سېتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر دۆلەت. شۇڭا تۈركىيە تۈرك دۇنياسى سىياسىتىدە ئافغانىستانغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك." (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.