بۇ پروگراممىغا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور فەخرى سولاك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگراممىغا ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان دوكتور ئابدۈلھەمىت ئاۋشار ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پروگرامما جەريانىدا، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ۋە دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندىلەر رىياسەتچى دوكتور فەخرى سولاك ئەپەندىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى زامان تىل -ئەدەبىياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى ئاستىدا مەدەنىيەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى، تارىختىن بۇيانقى تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ پروگرامما تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىدە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى. پروگرامما جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ گۈزەل يايلاقلىرى، بازارلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ -ئادەتلىرى كۆرسىتىلدى.

دوكتور ئالدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى، رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ قەدىمدىن باشلاپ بار بولغان بىر مىللەت. تارىخچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنىڭ مىلادىدىن 1000 يىللار ئىلگىرىكى زامانلارغا تۇتىشىدىغانلىقىنى نەقىل قىلدى. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ ئاتالغان تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە مەدەنىيەت ياراتقان مىللەتلەردىن بىر مىللەت بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ قەدىمى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئالاھىدىلىكى مەۋجۇت.
دوكتور ئالدۇلھەمىت ئاۋشار رىياسەتچىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: خىتاي تارىختىن بۇيان غەربكە يۈزلىنەلمەي كەلدى. بۇنىڭ سەۋەبىدىن ئەڭ مۇھىم بىر سەۋەب بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى ئىدى. ئەينى دەۋردە ئەگەر خىتاي سەددىچىن سېپىلدىن ئۆتەلىگەن بولسا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپاغىچە بولغان جۇغراپىيىدە چوڭ بىر نوپۇس ۋە كۈچكە ئىگە بولاتتى. خىتاي بۈگۈنكى كۈندىكى كۈچىدىن تېخىمۇ كۆپ كۈچكە ئىگە بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي سەددىچىن سېپىلدىن ئۆتتى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا كۆپ ساندا كۆچمەن يۆتكەپ يەرلەشتۈردى شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ يېرىمى خىتايلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە تاشتى ۋە ئۇ يەردە بىر بۆلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇۋاتىدۇ، ئۇ يەرگە خىتاي نوپۇس يۆتكەۋاتىدۇ، بۇ خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان خىيال قىلىپ كەلگەن ئارزۇسى ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيا پەقەت تۈركلەردىن تەركىب تاپقان بىر جۇغراپىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىكى خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدىغان بىر رايون. شۇ سەۋەبتىن بۇ جۇغراپىيىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئورنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك.
پروگرامما جەريانىدا يەنە پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت رىياسەتچىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللاردىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت سىياسىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن خىتايلارنىڭ بىرلا مەقسىتى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئۇ رايوندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىدى، بۇ، خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن بىر سىياسەت ئىدى.
گومىنداڭ ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا بىر مىليون خىتاينى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشنى پىلانلىغان، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. كېيىن كوممۇنىست خىتايلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بۇ سىياسەتنى يۈرگۈزدى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئاشۇردى. 1949-يىلى 300 مىڭ نوپۇسى بولغان خىتايلارنىڭ سانى بۈگۈنكى كۈندە 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئىستراتېگىيىسى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش. چۈنكى، بۇ رايون خىتايغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، خىتاي بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولسا، مەدەنىيىتىنى قوغداپ ياشايدىغان بولسا ھەرگىزمۇ ئارام تاپمايدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيىسى شۇكى، خىتاي غەربتىن كېلىدىغان ھەر قانداق تەھدىتلەر شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى قالقان قىلىپ قوللىنىدۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ غەربكە چىقىش دەرۋازىسى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىدىغان ئۆتكەل. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەمىنلىمەكتە. شۇ سەۋەبتىن خىتاي بۇ رايوننى پۈتۈنلەي سۈمۈرۈشنى كۆزلەيدۇ، خىتاينىڭ نوپۇسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنى خالايدۇ، ئۇ يەردىكى خەلقنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، خىتايلار باشقا بىر چارە -ئۇسۇل بىلەن ئۇ يەردە خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ.