تۈركىيىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ناملىق كىتاب سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى مىسىرلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد قۇتۇپ يازغان. بۇ كىتابنى مۇھەممەد خالىس، مۇھەممەد ئىمىن پىداكار، م. ئۆمەر ئىسىملىك كىشىلەر ئورتاقلىشىپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.11.30


بۇ كىتابتا مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ دەۋرىدىكى يۇقىرى پەللىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى ئامىللارنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى جەريانلاردا نۇرغۇن تالاپەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىدىكى سەۋەبلەرنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختالغان.

621 بەتلىك بۇ كىتاب يەتتە بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە بۇ كىتاب توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئىسلام دۇنياسىنىڭ بېشىغا بۇرۇنمۇ نۇرغۇن كرىزىسلار ۋە بالايى - قازالار كەلگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىدىن، مال - دۇنيالىرىدىن ۋە يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، بىراق ئۇلار تارىختىن بۇيان ھازىرقىدەك ئېغىر كۈنگە قالغان ئەمەس. مۇسۇلمانلار تۇنجى قېتىم باش كۆتۈرگەندە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەر ئىگە بولغان ماددى مەدەنىيەت ۋە ئىلىم - پەنگە ئېرىشمەكچى بولسا، ئىككى تەرىپىدىكى قەدىمى دۆلەت پارس ۋە رۇملاردىن ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولاتتى. ئۇلار ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلدى. بىراق ئۇلار ھېچ بىر ۋاقىت باش ئەگمىدى، تاڭ قالمىدى، ئۇلار مۆمىن بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ھامان يۇقىرى ھېس قىلدى. مۇسۇلمانلار يۇنانلىقلارنىڭ بىلىملىرىنى قوبۇل قىلدى، بىراق ئۇلارنىڭ مەشھۇر ئەپسانىلىرىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى بۇ ئەپسانىلەردە بۇتپەرەسلىك جاھىلىيىتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ئوقۇشقا ئەرزىمەيتتى.

كىتابتا يەنە، تارىخى جەرياندا، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەقىدىلىرىگە خىلاپ بولغان پىكىر - قاراشلارنى قوبۇل قىلىش بىلەن تەڭ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن يىراقلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن ۋە مۇسۇلمانلارنى ھەقىقىي ئىسلام قائىدە - تۈزۈملىرى بويىچە ياشاشقا، دىنىي ئېتىقادى يولىدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى مۆمىنجان ۋە دىنىي ئالىم ئابدۇكەرىم كۇچار ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇكەرىم كۇچار ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن، دىن دۈشمەنلىرى ئۆتمۈشتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان - ئېتىقادىنى بۇزۇش ئۈچۈن قانداق ھىيلە - نەيرەڭلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى، قانداق زىيانكەشلىق قىلغانلىقىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق بىر ھاياتتا، قانداق بىر ئىجتىمائى ۋە سىياسىي ھاياتتا ياشىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش، دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشى، ئىسلامى ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ماسلىشىشى ۋە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ساقلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.