يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا يەنە جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ 62 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇم ئىسكەنجىلىرىنى تىلغا ئالدى ۋە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى.

يىغىندا يەنە دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ سۆز قىلدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساكا ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق.
ئىلياس ساكا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 62-يىلىدا خىتايلار بايرام قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىر كىملەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بايرام تەبرىكلەنسىمۇ بۇ بىر شەكىل ئۈچۈن قىلىنغان بىر ھادىسە، ئەمما بۇ كۈندە مىللىتىمىز يۈرەكلىرىدە ئۇ قايغۇنى ھېس قىلىدۇ، ئۇ قايغۇلارنىڭ بىر كۈنى ئازادلىق، تىنچلىق ۋە ھۇزۇرغا ئايلىنىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ، ۋەتىنىمىز ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ. شۇنى ھېچ قاچان ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئىنسانلار ئىشغالىيەتكە ئۇچرايدۇ، ئىنسانلار بىر بېسىم ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئېتىقادى ۋە مەنىۋى بايلىقىنى ھەرگىزمۇ ئىشغال ۋە بېسىم ئاستىدا تۇتۇش مۇمكىن ئەمەس، ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز قىسمىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، ئەگەر ئۇلار ئازادلىقنى خالىسا ئاخىرىدا چوقۇم ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ھەر قانداق مىللەت ئۆز ئىستىقبالىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك، بۇ جەھەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىنى ئۆز خەلقى بەلگىلىشى كېرەك. زورلۇق، بېسىم ۋە ئىشغال قىلىش ئارقىلىق بەلگىلەش مۇمكىن ئەمەس. تارىخ ھېچ قاچان ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان مىللەتنىڭ ئەبەدىي شۇ ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغانلىقىغا شاھىت بولمىدى. مەن ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاد بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.