تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ئەكىجى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان كۈنلەردە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت ئەكىجى ئەپەندى خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتايلارنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ " دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

"مەن ئالدى بىلەن رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرگەندىن كېيىن سۆزۈمنى باشلىماقچىمەن، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش بىر قەتلىئام ئېلىپ باردى. بۇ بېسىمنىڭ ناھەق ۋە ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارماقچى ئەمەسمىز. ئەمما ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۆزىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە دۆلەت زوراۋانلىقى ئىشلەتكەن بىر ۋەقە."

مەمەت ئەكىجى ئەپەندى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيىگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:

"ئۇ مەزگىلدە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ئارقىلىق خىتايدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارقىلىق تۈركىيە پارلامېنتنىڭ بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. ئەمما بۈگۈنگىچە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رەەسمىي بىر تەكلىپنامە كەلمىدى. يەنى، خىتايلار بىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى. خىتاي دۆلىتى تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىغا ئىشىكىمىز ئوچۇق دېگەندىن باشقا، تۈركىيە پارلامېنتىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. تۈركىيە پارلامېنتى بۇ سۆزنى بىر دۆلەت بەرگەن ۋەدە دەپ قوبۇل قىلغان . خىتاي دۆلىتى چوڭ بىر دۆلەت، ئۇلار بىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەك ئىدى. بىز دىپلوماتىيىلىك يوللار بىلەن تېخىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتىمىز. ئەمما بۈگۈنگىچە خىتايدىن بىر تەكلىپنامە تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق. بۇ خىتاينىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغىلى بىر يىل بولاي دەپ قالدى، ھازىرغىچە بۇ تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇشىمىز كېرەك ئىدى."

"ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بۇ ھەقتە نېمە قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟" دەپ سورىغان سوئالىمىزغا ئۇ يەنە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

"ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇرۇنلا خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ھەم پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ كۈن تەرتىپىدە بار ئىدى. بىز يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. كامبودژا قايتۇرۇپ بەرگەن 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەيمىز. ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ خىتايلارنىڭ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئۇلارنى ئادىل سوتلىمىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلىدۇ. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش مەقسىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمىز. دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ باشقا مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەندەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. دۇنيا دۆلەتلىرى ئۆز مەنپەئەتىگە قاراپ ئىش قىلىدۇ. ئەمما بىز ھېچقانداق مەنپەئەت كۈتمەستىن بۇ داۋانى ئۆز داۋايىمىز دەپ بىلىپ قىلىمىز. بىز ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، باشقىلارغا ئۇنۇتتۇرماسلىقىمىز كېرەك. بۇ مەسىلە بىر قانچە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىپ قويۇش بىلەن، بىرەر يۈز كىشى نامايىش قىلىپ قويۇش بىلەن بولىدىغان ئىش ئەمەس. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەرنى، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشىمىز كېرەك.

"ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭىزغا نېمە دېمەكچىسىز؟" دېگەن سوئالىمىزغا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ئەكىجى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:

"شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلىق تراگېدىيىسى بولۇۋاتىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ. ئۆز ۋەتەنلىرىدىن باشقا يەرلەرگە كۆتۈرۈلىۋاتقان بىر مىللەت ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ئۇلار بىلەن قېرىنداش بولغانلىقىمىز، ياكى دىنداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئىنسانلىق ئەيىپىدۇر. دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتايغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنى مەتبۇئاتلار ئارقىلىق دۇنياغا ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار بۇ دەۋانىڭ ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسى ھايات ماماتلىق مەسىلىسىگە ئايلاندى. شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ داۋايىمىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز ۋە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.