قەيسەرىنىڭ ئەخمەت يەسەۋى مەھەللىسىدە تۈركىستان ئۆيلىرى دېگەن يەردە 200 ئائىلە ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇلارنىڭ چوڭ مەسچىتى، تەشكىلات بىناسى ھەتتا ۋاپات بولغانلارنى دەپنە قىلىدىغان ئايرىم مازىرىمۇ بار.
يېقىندا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ باش بىناسىنىڭ يېنىغا قوشۇمچە ئۆي سېلىنغان بولۇپ، بۇ بىر قەۋەتلىك بىناغا 500 كىشى سىغىدىغان بولۇپ، تەشكىلات بۇ يەرنى مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مېھمانخانا قىلىپ ئىشلىتىدىكەن. 25 - سېنتەبىر كۈنى بۇ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قەيسىرىدىكى ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، بىنا دۇئالار بىلەن رەسمى خىزمەتكە ئېچىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە جەمىيەتنىڭ ئانا بىناسىنىڭ يېنىغا سېلىنغان بۇ ئۆيلەر مەدەنىيەت مەركىزى، مېھمانخانا قىلىپ ئىشلىتىلىدىكەن. ھازىرغىچە قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئانا بىناسىدىكى مېھمانخانىسىدا يۈز ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇساپىر كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر مۇساپىرلار كۈتىۋېلىنىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. تۈركىيىگە كېلىپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا تۈرك پۇقرالىقى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلاردىن تۇرىدىغان يېرى يوقلارنىڭ كۆپى بۇ يەردە تۇرماقتا.
بىز بۇ ھەقتە جەمىيەتنىڭ مەسئۇلى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.