تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيت تىلەكلىرى
2012.08.17

بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بۇيىچە كوڭۇللۇك ئوقۇش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان ۋە دوست - يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا خۇدادىن شاتلىق تىلەشتىن شۇنداقلا بىر - بىرى بىلەن ھېيىتلىشىش ئارقىلىق ھال - ئەھۋال سوراش، ئاداۋەتنى تۈگىتىش ۋە ئۆز - ئارا ياردەملىشىشنى كۈچەيتىشتىن شۇنداقلا يېتىم - يېسىر، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت. روزى ھېيىت بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھېيىتلىق توپلاش، ئويۇن - تاماشا، خۇشاللىق ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆگىنىش دېمەكتۇر. بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋىي خوشاللىقتۇر.
بۇلاردىن باشقا، ھەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن خۇدادىن تىلەيدىغان ئارزۇ - تىلەكلىرىمۇ بار. ئۇنداقتا، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ۋە دىن مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھېيىتنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن تىلەكلىرى نېمە؟ ئۇيغۇرلار بۇ روزى ھېيىتنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۇيغۇرلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.