تۈركىيىنىڭ نىگدە ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.12.16
2011.12.16

Photo: RFA
بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 3 ئۈنىۋېرسىتېتتا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىتىلماقتا.
12 - دېكابىر كۈنى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان نىگدە ۋىلايىتىدىكى نىگدە ئۈنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىل» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ يىغىنغا مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن پروفېسسور دوكتور رەمزى قىلىچ ئەپەندى، دوكتور خېلىل توقچان ئەپەندى، قۇبىلاي ئۆزجان ئەپەندى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىر يېرىم سائەت سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيەت يىلىغا بولغان كۆز قارىشى ھەققىدە توختالغان.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.