تۈركىيە خالىسانە فوندىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنى ئۇيغۇرلار ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، يىغىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
-
مۇخبىرىمىز ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2008-11-25 -
-
-
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺳﺎﻫﯩﺒﺨﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan
Your browser doesn’t support HTML5 audio
يىغىنغا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك نىجاتى جەيلان ئەپەندى، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى نەجمى سادىق ئوغلى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىغا ئەزا فوند ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل ياكى ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئى 30 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى نىجاتى جەيلان ئەپەندى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئېچىلىشى بۇ جەمئىيەت بىلەن تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىغا ئەزا فوند ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىپ خىزمەت- پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە فوند ۋە ئىجتىمائىي تەشىكىلاتلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە تۈركىيىنىڭ ئىجـتىمائىي جەمئىيەتلەر قانۇنى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق بىر قانچە تۈردە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۆتكەن ھەپتە غۇلجا شەھىرىدە خىتاي ساقچىلىرى ئارزۇگۇل ئىسىملىك بىر ھامىلە ئايالنى پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلدى دەپ تۇتقانلىقىنى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتايغا ئارزۇگۈلنى قويۇپ بېرىشكە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى بېسىمنىڭ تەسىرى ئاستىدا سەيشەنبە كۈنى ئارزۇگۈلنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرى قاتتىق ئەپسۇسلاندى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنىڭ تىزراق ھەل بولۇشى ئۈچۈن بىر چارە ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى نىجاتى جەيلان ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.