تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى: تۈركىيە خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشتى

خىتاي ھۆكۈمىتى 1998-يىلى ئۇكرائىنىيىدىن سېتىۋالغان كونا ئاۋىئاماتكىسىنى تۈركىيىگە بىر مىليون ساياھەتچى ئەۋەتىش ۋە بۇ ئاۋىئاماتكىنى ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل ئېچىش كېمىسى سۈپىتىدە قوللىنىش ۋەدىسى بىلەن 2001-يىلى ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ۋەدىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ۋەدىسىدە تۇرىدىغان تۈركلەر ئۈچ يىللىق مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئاخىرى خىتاينىڭ ۋەدىسىگە قوشۇلغان.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەمما ھازىرغىچە خىتايدىن تۈركىيىگە كەلگەن ساياھەتچىنىڭ سانى 77 مىڭ بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ 11 يىل ئىچىدىكى كۆپىيىش نىسبىتى ئاران 50 مىڭغا يەتكەن.

تۈركىيە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا بۇلارنىڭ كۆپى خىزمەت، ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تۈركىيىنىڭ كۈتكىنى توپ-توپ بولۇپ تۈركىيىگە كېلىدىغان خىتاي ساياھەتچىلىرى بولۇپ، خىتاينىڭ ۋەدىسىدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە خىتاي ساياھەتچىلىرىنى كۈتۈۋېلىش خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بىراق، خىتاينىڭ ۋەدىسىدىكى ساندىن تولىمۇ يىراق بولغان ساياھەتچىلىرىنىڭ تۈركلەرگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى تۈركلەرنىڭ تارتقان زىيانلىرىنى تولدۇرالمىغان.

ئۆتكەن ئاي رېمونتتىن چىقىپ خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئاۋىئاماتكىغا ئالدىنقى كۈنى تۇنجى قېتىم «ج-15» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رەسمىي قوندى. بۇ خەۋەر تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا «خىتايلار تۈركىيىنى ئالدىدى، كۆڭۈل ئېچىش كېمىسى ئاۋىئاماتكا بولۇپ قالدى» دېگەن تېمىلاردا خەۋەر قىلىنماقتا.

«ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ 27-نويابىر كۈنىدىكى «يۈرىكى چىدىمىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئاۋىئاماتكىنى ياساشقا مەسئۇل بولغان شىركەتنىڭ باشلىقى لوياڭنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەنلىكى يېزىلغان.

2001-يىلى ئاۋىئاماتكا ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتكەندە بۇ ئىش تۈركىيىدىكى ئەڭ مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات مەركىزىدە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە خىتاينىڭ بۇ ئاۋىئاماتكىنى كۆڭۈل ئېچىش كېمىسى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش كېمىسى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى نۆۋەتتە، خىتاي ھەربىي سانائىتى ۋە تېخنىكىسىنىڭ يەنىلا ئىلغار ئەمەسلىكى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىۋاتقان بىر ئارمىيە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ۋەدىگە ۋاپا قىلمايدىغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ خىتاينى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئوخشاش ۋەدىگە ۋاپا قىلىدۇ ھېسابلاپ خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.