2012 - يىلىدىكى تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىگە نەزەر

تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتى 41 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر تۈرك، خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سىياسىي مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.12.27
turkiye-bilen-xitay-toxtamname-tuzdi-305.jpg تۈركىيە بىلەن خىتاي دىنىي ساھەدە ھەمكارلىشىش توختامنامىسى تۈزدى. 2011-يىلى ئىيۇن.
diyanet.gov.tr


ئۇنداقتا 2012 - يىلىدىكى تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتى قانداق بولدى؟ 2012 - يىلى تۈركىيىدە «خىتاي كۈلتۈر يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېينلا تۇنجى بولۇپ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ئىدى. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى كەڭ كۆلەملىك نامايىش بىلەن قارشى ئالغان شى جىنپىڭنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارلامېنت رەئىسى جەمىل چىچەك قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەنىدى.

ئارقىدىن 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىنىستىر، پارلامېنت ئەزاسى، كارخانىچى ۋە مۇخبىرلاردىن تەشكىل تاپقان 300 كىشىلىك ئۆمەك بىلەن بىللە خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنى ئۈرۈمچىدىن باشلىشى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن بولسىمۇ، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى بىر ئاز ئەندىشىگە سالدى. بولۇپمۇ، 2012 - يىلىدا خىتاينىڭ تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا 400 قېتىم ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئازايتىۋېتەرمۇ، دېگەن ئەندىشىلەر كېلىپ چىقىماقتا. بۇنىڭغا قارشى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى ئارقا - ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك جامائىتىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشتى.

2012 - يىلىدا تۈرك، خىتاي مۇناسىۋىتىدە بۇرۇنقىدىن پەرقلىق بولغان قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى قانداق بولدى؟ تۈرك،خىتاي مۇناسىۋىتى ئالدىمىزدىكى يىللاردا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى كۈتىۋالار دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىسىتراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.