ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ ئۆتكەن يىلى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە خىتاينى ئۇيغۇرلارغا "ئېرقىي قىرغىنچىلىق" ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن بۇيان، تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ دىققەت بىلەن كۆزىتىدىغان مۇناسىۋەتكە ئايلىنىپ قالغان. لېكىن ئانالىزچىلار يەنە، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆۋرۈك قىلىپ، خىتاي بىلەن دىئالوگنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قېتىم تۈركىيە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يوللىغاندىن سىرت، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاتالاينى بېيجىڭغا يولغا سالغان.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەشىر ئاتالاي پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان بىر قانچە كۈنلۇك زىيارىتى ئۈچۈن يولغا چىققان. داۋۇدئوغلۇ بىلەن ئاتالاينىڭ زىيارىتى گەرچە بىرلا ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىدىكى بۇ ئىككى مىنىستىرنىڭ زىيارەت مەزگىلگاھىنىڭ تۇنجى بېكىتى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بولۇپ، داۋۇدئوغلۇنىڭ زىيارىتى قەشقەردىن، ئاتالاينىڭ زىيارىتى بېيجىڭدىن باشلىنىدۇ.
بۇ ئىككى مىنىستىرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا خىتاينى زىيارەت قىلىشى ۋە داۋۇدئوغلۇنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ نازۇك رايونلارنىڭ بىرى بولغان قەشقەردىن باشلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋۇدئوغلۇ قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، مەھمۇت قەشقىرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە كېلىدىكەن ۋە بۇ يەردە بەزى ئۇچرىشىشلاردا بولىدىكەن. لېكىن تۈركىيە - خىتاي ھەر ئىككى تەرەپ داۋۇدئوغلۇ ۋە ئاتالاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بېيجىڭدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كونكرېت كۈنتەرتىپى، مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلە، داۋۇدئوغلۇنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەرلىك جامائەت ئەرباپلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.
پەقەت تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئاتالاينىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى قىسقا باياناتتا، زىيارەتنىڭ مۇددىئاسىغا دائىر بەزى يىپ ئۇچلىرى تىلغا ئېلىنغان. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەشىر ئاتالاي بېيجىڭدا خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ ۋە قانۇن، بىخەتەرلىك ج خ ئىشلىرىغا مەسئۇل سىياسى بيۇرو دائىمىي ئەزاسى جاۋ يۈڭكاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەر، ئەتكەسچىلىك، قانۇنسىز كۆچمەنلەر، بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ۋە يۇقىرىقى ساھەلەردىكى ئۆز - ئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.
داۋۇدئوغلۇنىڭ زىيارىتىنى قەشقەردىن باشلىشى ۋە بەشىر ئاتالاي بېيجىڭدا خىتايلار بىلەن ئېلىپ بارىدىغان مۇزاكىرە ۋە بۇ مۇزاكىرىنىڭ "تېررورلۇق"، " قانۇنسىز كۆچمەنلەر" دېگەندەك ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە چېتىلىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا خىتاي - تۈركىيە ئارىسىدىكى بۇ قېتىملىق دىپلوماتىك بېرىپ - كېلىشكە قارىتا قىزىقىشنى كۈچەيتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى مەيدانىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە داۋۇدئوغلۇنىڭ زىيارىتىنى قەشقەردىن باشلىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رابىيە خانىم، داۋۇدئوغلۇنىڭ قەشقەر سەپىرىنىڭ خىتايغا "دىپلوماتىك سىگنال" بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ داۋۇدئوغلۇ خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن سەل بۇرۇن تۈركىيىنى زىيارەت قىلىپ، 8 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغان. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتنى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت سودا ھەجىمىنى 2015 - يىلى 50 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركىيىدە سانائەت رايونى قۇرىدىغانلىقىنى، ۋېن جياباۋ تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سانائەت رايونى قۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيە بىلەن خىتاي ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىدىن سەل بۇرۇن تۇنجى قېتىم تۈركىيە زېمىنىدا خىتاي - تۈركىيە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئېلىپ بارغان.
خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېقىنقى بۇ ئۆزگىرىش غەرب ئەللىرىدە تۈركىيە غەربكە يۈزلىنىشنى ئاساس قىلغان بۇرۇنقى سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، شەرققە يۈزلىنىۋاتامدۇ ؟ دېگەن مەسىلە تالاش - تارتىش قوزغىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. لېكىن، مەركىزى ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سىنان ئوگان ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېقىنقى بۇ تەرەققىيات ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئۇ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە تۈركىيىنىڭ كەلگۈسى 15 - 20 يىلدا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياپونىيىلەرنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ قەشقەرگە يېتىپ بارىدىغان شۇ كۈنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاتالاي بېيجىڭغا قاراپ ئۇچۇپ، خىتايدا 31 - ئۆكتەبىرگە قەدەر 4 كۈنلۇك زىيارەت پائالىيىتىدە بولىدۇ. تۈركىيە ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا خىتاينى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىلانلىق ھەرىكەت ياكى تاسادىپى توغرا كېلىپ قالغان ھادىسە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، شۇنداقتىمۇ بۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېيجىڭدىكى ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشلىشىدۇر. تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە 2009 - يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، دراماتىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارغا "ئېرقىي قىرغىنچىلىق" ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى ۋە بۇ مەسىلىنى 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى جىددىي ساراسىمغا سالغان. بەزى ئانالىزچىلار، ئەردوغاننىڭ پوزىتسىيىسى خىتاينىڭ بۇرۇنقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، تۈركىيە بىلەن يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مەيلى داۋۇدئوغلۇ ۋە ياكى بەشىر ئاتالاينىڭ بولسۇن، خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان مۇزاكىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆز يۇمماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارىخىي ئالاقە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە دائىم مەسىلە پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن ئامىلدۇر. تۈركىيىدە چىقىدىغان ئەڭ چوڭ گېزىتلاردىن "ھۆررىيەت" گېزىتىنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىدا چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە "ئەنقەرە پەقەت ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈركىيىدىكى پائالىيەتلىرىگە بەزى چەكلىمىلەرنى قويغاندىلا، بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرالايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى چەكلەشكە تەۋەككۈل قىلالامدۇ ؟ ئاتالاي بېيجىڭدا جۇ يۈڭكاڭغا بۇ ۋەدىنى بېرىشكە جۈرئەت قىلالامدۇ ؟ ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەلقئارا قانۇن، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۆلچەملىرىنى ئۆزىگە نىزام قىلغان تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇش ئېھتىماللىقى يوق دىيەرلىكتۇر.
داۋۇدئوغلۇ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىلەردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 2 - قەدەمدە شىئەنگە بارىدۇ. ئۇ شەنبە كۈنى شاڭخەيگە كېلىپ، ھەپتە ئاخىرى تۈركىيىنىڭ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى سودا كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئۇنىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭ خەلقئارا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.