تۈركىيە ‏ - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى

تۈركىيە زامان گېزىتىنىڭ 27 ‏ - نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى جيا چىڭلىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن خىتاي ۋەكىللىرى رەسمىي دۆلەت زىيارىتى ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2008.11.28
turkiye-namayish-metbuat1-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ - 27 ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيە دۆلەت مەجلىسى رەئىسى كۆكسال توپتان، خىتاينىڭ سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى جيا چىڭلىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن خىتاي ۋەكىللىرىنى تۈركىيە دۆلەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلدى. توپتان، جيا بىلەن 15 مىنۇت ئايرىم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ھەيئەتلىرى رەسمىي سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن مىنىستىرلىق يىغىن زالىغا كىرگەن. يىغىنغا تۈركىيە تەرەپتىن پارلامېنت رەئىسى كۆكسال توپتان، دۆلەت مىنىستىرى كۇرشاد تۇزمان قاتارلىق تۈركىيە ھەيئىتى قاتناشقان.

توپتان يىغىندا سۆز قىلىپ، جيا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى تۈركىيىدە ۋە دۆلەت مەجلىسىدە كۈتۈۋالغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن . خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان سەل ئاپىتى ۋە يەر تەۋرەش ھادىسىلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە 2008 ‏ - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خاتىرجەم ۋە كۆركەم شەكىلدە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

زامان گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيە دۆلەت مەجلىسى رەئىسى كۆكسال توپتاننى تەبرىكلەش بىلەن سۆزىنى باشلىغان خىتاينىڭ سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى جيا تۈركىيە بىلەن دۆلىتىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى مۇقىم ئىكەنلىكىنى ھەمدە مىڭ يىلدىن بىرى يىپەك يولىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جيا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ئىقتىساد ۋە تىجارەت مۇناسىۋەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: خىتاي دۆلىتى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دوستلۇقنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى، ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشى خەلىقلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇندۇر.

خىتاي ۋەكىلى جيا چىڭلىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئىككى ساھەدە تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، بىرىنچىسى سىياسى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش، رەئىسلەر، مەجلىسلەر، سىياسى پارتىيىلەر ئارىسىدا ھەر خىل ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىشىمىز، ئىككىنچىسى بولسا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەتلىك ئاساسى مەنپەئەتلىرىگە ئالاقىدار ساھەلەردە ئۆز ‏ - ئارا ھۆرمەتتە بولۇش ۋە ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر ئىككى دۆلەت بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ۋە خەلقئارا تېررورچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇش.

خىتاي ۋەكىلى جيا چىڭلىن، تۈركىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا ئوخشاش ساھەلەردە ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنىڭ داۋاملىشىشى. دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە خەلقئارا تېررورچىلىققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنى قوغداشتا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا كېلىشىم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

جيا يەنە ئىقتىساد ۋە تىجارەت ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۆزلىرى بىلەن سودا شىركەتلەر ھەيئىتىنىڭ بىرلىكتە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلار تۈركىيىدىن 200 مىليون دوللار ئەتراپىدا مال سېتىۋېلىشقا ئىمزا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك شېركەتلىرىگە تۈركىيىدە سودا ‏ - تىجارەت قىلىش ھەققىدە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. يىغىننىڭ داۋامىغا ئاخباراتچىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى چەكلەنگەن.

بىز بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.