خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى

2008 - يىلىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى. بۇ مۇسابىقە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئەزەربەيجان، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، خىتاي، ئىراق، ئىران، قازاقىستان، قىرىم، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاتارىستان، تۈركمەنىستان، گرېتسىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىدە نەشىر قىلىنىۋاتقان ئەدەبىيات جۇرناللىرى ۋە يازغۇچىلار جەمىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

0:00 / 0:00
Muxmut-qeshqeri-150
ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﻮﯞﻭﻟﻰ.

بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ماقالىلار 17 كىشىدىن تەركىپ تاپقان باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالىنىدىغان بولۇپ، ھېكايىسى بىرىنچى بولۇپ باھالانغان كىشىگە 6000 ياۋرو، ئىككىنچىگە 4000 ياۋرو، ئۈچىنچى بولۇپ باھالانغان كىشىگە بولسا 2000ياۋرۇ مۇكاپات بېرىلىدىكەن. ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ كىشىگە 1000 ياۋرودىن پۇل بېرىلىدىكەن.

بۇ مۇسابىقىغا قاتناشقۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

1. مۇسابىقىغا قاتنىشىشنى خالىغانلار ھېكايىلىرىنى پوچتا ياكى ئېلېكترونلۇق پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتسە بولىدىكەن.

2. مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان ماقالىلار ئېلان قىلىنمىغان ماقالىلار بولۇشى كېرەك ئىكەن.

3. ھېكايىنى خالىغان تېمىدا يېزىشقا بولىدىكەن.

4. ماقالە 30-35 مىڭ سۆزدىن تەركىپ تاپقان بولۇشى كېرەك ئىكەن.

5. ماقالىدە ئاپتورنىڭ رۇمۇزى يېزىلغان بولۇشى، ئىسمى ياكى ئادرېسى يېزىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.

6. مۇسابىقىغا قاتناشقۇچى رۇمۇزىنى، ئادرېسنى، قىسقىچە تەرجىمھالىنى، بىر پارچە رەسىمىنى ئايرىم بىر لىپاپىغا قويۇپ تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتىشى كېرەك ئىكەن.

7. ماقالىنى قەغەزگە 6 نۇسخا يازدۇرۇپ "س د" گە ئېلىپ ئەۋەتىشى كېرەك ئىكەن.

8. مۇسابىقىغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلار، توپلام قىلىپ نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىدىكەن.

خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە مۇسابىقىسىنىڭ باھالاش ھەيئىتى ئەزەربەيجانلىق داڭلىق يازغۇچى ئانار، بالقان دۆلەتلىرىدىن زەينەل بەكساچ، ئىراقتىن ئومەر قازانچى، قازاقىستاندىن فادىل ئالى، قىرغىزىستاندىن ئەگەنبەردى ئاسكاروۋ، ئۆزبېكىستاندىن تاھىر قاھار، تۈركىيىدىن شائىر ئالى ئاقباش، تۈركمەنىستانلىق داڭلىق يازغۇچى ئوراز ياغمۇر، ئۇيغۇر دىيارىدىن يۈسۈپجان ياسىن قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان.

خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى ئەپەندى خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "

سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك 2008 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىلى. ئۇنەسكومۇ 2008 - يىلىنى `مەھمۇت قەشقىرى يىلى` دەپ ئېلان قىلدى. بىزمۇ 2007 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا 2008 - يىلىنى `مەھمۇت قەشقىرى يىلى` دەپ قارار قىلغان ئىدۇق. تۈركىي تىللار دىۋانى تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئەسەر. شۇڭا 2008 - يىلى پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر يىل. بىز بۇ يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق."

ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى ئەپەندى ئۇيغۇرلار بۇ مۇسابىقىغا قانداق قاتنىشالايدۇ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "ھەر بىر تۈركىي مىللىتى ئۈچۈن ئايرىم بىر باھالاش ھەيئىتى قۇرۇۋاتىمىز. بۇ تېخى قۇرۇلۇپ بولمىدى. تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرىم قاتارلىق يەرلەردە ماقالىنى باھالاش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ بولدۇق، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا تېخى قۇرۇپ بولالمىدۇق. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنى قۇرىمىز. ئۇيغۇرچە ماقالە يازغان كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۇيغۇر باھالاش گۇرۇپپىسىغا ماقالىسىنى ئەۋەتىدۇ. بۇ ماقالىلارنى باھالاپ 1 - 2 - 3 - بولغانلارنى بىزگە بىلدۈرىدۇ. بىرىنچى بولغان كىشى ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن بىرىنچى بولغانلار بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە دەرىجىگە كىرەلىسە مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇسابىقىدا دەرىجىگە كىرگەنلەرگىمۇ پۇل مۇكاپاتى بېرىلىدۇ."

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قايسى ئىدارە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىسىلەر دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ياقۇپ دېلىئۆمەروغى تېخى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "

بىر ژۇرنال بىلەن ئالاقە ئورنىتىۋاتىمىز. تېخى ئېنىق بولمىغاچقا ئىسمىنى دېمەي تۇراي. ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ماقالىلارنى باھالاش گۇرۇپپىسىنى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇپ مۇسابىقىغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەرنى ئۇ يەردە باھالىماقچى."

ياقۇپ دېلىئۆمەروغلى ئەپەندى بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇ مۇسابىقىغا پەقەتلا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەمەس، پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ قاتنىشالايدىغانلىقىنى، تۈركچە ماقالە يازغانلارنىڭ تۈركىيىدىكى ياۋرۇئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. تۈركچە ماقالە يازغانلارنىڭ ماقالىسىنى ئەۋەتىش ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بولۇپ، نەتىجە 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.

تۈركچە ھېكايە يازغانلار ياكى بۇ مۇسابىقە ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىشنى خالىغانلار تۆۋەندىكى ئادرېس بىلەن ئالاقە قۇرسا بولىدۇ.

جەيھۇن ئاتىف كانسۇ جاددەسى 45 - سوكاك 13/2 بالگات ئانكارا، تۈركىيە تېلېفون 90 - 312 - 287 80 43

تور بېتى ئادرېسلىرى: www.ayb.org.tr ۋە www.kasgarlimahmut.org ئېل - خەت : kh1000hy@gmail.com