تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتنى شات - خوراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان، "12 ئاينىڭ سۇلتانى " دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.

0:00 / 0:00

بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسى بولسا، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بويىچە كۆڭۈللۈك ئوقۇش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ تۈگەپ كەتكەن ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - ‏تۇغقان ۋە دوست ‏ - يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاللادىن شاتلىق تىلەشتىن شۇنداقلا بىر بىرى بىلەن ھېيتلىشىش ئارقىلىق ھال ئەھۋال سوراش، ئۆز - ئارا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت. بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋىي خوشاللىقتۇر.

بۈگۈن تۈركىيىدىكى 75 مىليون مۇسۇلمان تەنتەنىلىك ھالدا روزى ھېيتى ئۆتكۈزمەكتە. ئۇنداقتا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق جايلىرىدا ئولتۇراقلاش ئۇيغۇرلار بۇ روزى ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچى؟ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارچۇ؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىشنى خالىسىڭىز تۈركىيىدىن ئەركىن تارىم تەييارلىغان پروگراممىنى ئاڭلاڭ.