خەلقئارالىق خازار شېئىر بايرىمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

دۇنياغا مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوۋ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى زىيارىتىنى ئېلىپ بارغان ۋە تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتىنى ئالغان شەھەر تۈركىيىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەلازىغ شەھرىدۇر.

0:00 / 0:00

بۇ يەردە 16 يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خازار شېئىر بايرىمىنىڭ 15 - قېتىملىقى ئۆتكەن يىلى چىڭگىز ئايتماتوۋقا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ يىلقىسى يەنى 16 - قېتىملىقى ئەزەربەيجانلىق مەشھۇر شائىر بەختىيار ۋاھاپزادىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ قېتىمقى 16 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق خازار شېئىر بايرىمىغا ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاتارىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن كۆپ ساندا شائىر ۋە سەنئەتچىلەر قاتناشقان. بۇ پائالىيەت تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، تۈرك ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، باش مىنىستىرلىق، ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى، تۈرك ئەدەبىيات ۋەخپى ۋە ئەلازىغ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى شەنەر بۇلۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ سۆزىدە 1995 - يىلدىكى خازار شېئىر بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى ئەيسا يۇسۇف ئالىپتېكىنگە ئاتاپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئەلازىغدا چوڭ بىر كوچىغا ئەيسا يۇسۇف ئالپتېكىننىڭ نامىنى بەرگەنلىكىنى، كېلەچەك يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ياكى داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن بىرسىگە ئاتاپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 16 يىل جەريانىدا بۇ پائالىيەتكە 5 - 6 ئۇيغۇر شائىرى قاتناشقانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر شائىرلىرىنى قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئەلازىغ خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، داۋاملىق ھالدا بۇ بۈيۈك دەۋاغا ئىگە چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.