تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلىمەكتە


2008.03.21

Enqere-Noruz-200.jpg
ئىزمىردە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى زالىدا `تۈرك دۇنياسىدا نورۇز` ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. RFA Photo / Erkin Tarim

نورۇز تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمىي بايراملىرىدىن بىرى بولۇپ، بەزى تارىخچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ بايرام 5 مىڭ يىلدىن بېرى تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. باھار كەلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى دەپ قارالغان نورۇز تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە.

يېڭى كۈن مەنىسىنى ئىپادىلىگەن نورۇزنى بەزى تۈركىي مىللەتلەر تەڭرىنىڭ دۇنيانى ياراتقان كۈنى دەپ ھېسابلىسا، بەزى تۈركىي مىللەتلەر نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئالەمگە قەدەم قويغان كۈنى دەپ ھېسابلايدىكەن. باھار باشلىغان كۈن دەپ قارالغان نورۇز كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن كۈن بولغان 21 - مارت كۈنى قۇتلىنىپ كەلمەكتە.

بۈگۈن ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە رەسمىي بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ بايرامغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ قۇتلۇقلىماقتا. بۈگۈن ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياكى بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ بۇ بايرامنى شاد خۇراملىق ئىچىدە قۇتلۇقلىماقتا. ئەنقەرەدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلار ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتىېتىگە جەم بولۇپ، ئۆز مىللى تاماقلىرىنى ۋە مىللى ناخشا ئۇسسۇللىرىنى كۆرسەتمەكتە.

ئىزمىردە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى زالىدا `تۈرك دۇنياسىدا نورۇز` ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت `ئۇيغۇرلاردا نورۇز` تېمىسىدا سۆز قىلغان. سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز ئەنئەنىسىنى ئاڭلاتقاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.

بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەيسىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ نورۇز بايرىمىنى قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، ئازارى ۋە تۈركمەنلەرگە ئوخشاش تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تەنتەنىلىك ھالدا ئۆتكۈزمەكتە. قىسقىسى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزمەكتە؟ (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.