تۈركسامدا 'شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى' تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنلەردە تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىنلار چاقىرىلىشقا باشلىدى. 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تۈركسام، يەنى تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى" تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.10.04
Kurtsam-yighingha-qatnashqan-muhim-kishiler-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﺴﺎﻡ، ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ "ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ يىغىنغا تۈركسامنىڭ باشلىقى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى، تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلار شۇنىڭدەك بەزى پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا تۈركسام مۇدىرى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى.

در. سىنان ئوگان ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتلىرىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ سايىسىدا قېلىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
Kurtsam-yighingha-qatnashqan-muhim-kishiler-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﺴﺎﻡ، ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ "ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﻰ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim
 
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
   
در. سىنان ئوگان ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: "بۈگۈنكى يىغىنىمىزدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز. تۈركىيىدە بۇ ھەقتە سۆز ئىگىسى كىشىلەر بۇ يىغىنىمىزغا قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستان بىز بەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بىر تېما. شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئەپسۇسكى ھازىر شەرقىي تۈركىستان تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ سايىسىدا كۆمۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاي باش مىنىستىرى تۈركىيە گە رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارماقچى، ئەلۋەتتە تۈركىيە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسى ئىقتىسادىي تىجارىي مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھېچ بىرسى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقى دەپسەندىلىرىگە سەل قارىشىمىزغا سەۋەپ بولمازلىقى كېرەك. ئەگەر دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بولسا، بولۇپمۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بولىدىغان بولسا بىز ئۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز. بىز بۇ مەسىلىلەرنى بۇ خىل ئىلمىي يىغىنلاردا ئاڭلىتىمىز، مۇزاكىرە قىلىمىز ۋە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنىز ئىزدەيمىز. بىز تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ھەل قىلىش يوللىرى ئىزدىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز ۋە بۇ كۆز قارىشىمىزى داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز."
   
كېيىن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنغان 13 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بىر تەلەپنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.