يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۇئاۋىن باشلىقى پېنسىيىگە چىققان تۈركولوگ پروف. در. سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرىتارى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى قاتناشقان. يىغىندا پروف. در. سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا، ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بولسا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى تېمىسىدا سۆز قىلغان.
تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە تۈركىيىدىكى زىيالىيلار تەكلىپكە بىنائەن تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ خىل لېكسىيىلەرنى داۋاملىق ھالدا بېرىپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرىتارى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى كېيىنكى 4-5 يىل ئىچىدە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەخمىنەن 35 قېتىم شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە لېكسىيە بەرگەنلىكىنى بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە بولۇپمۇ ياش نەسىللەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇلۇغ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ لېكسىيە بېرىش يىغىنىغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلىپ بۇرسادا ئوقۇۋاتقان كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشقان. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان پروف. در. سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ۋە ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00
