7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەنقەرە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىلنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋەتەندىن يېڭى كەلگەن 4 ئۇيغۇر تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان. بۇ كىشىلەر تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى يېقىندىن كۆرگەندىن كېيىن، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي، تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى دېڭگىر مىرمەھمەت فىرات، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى رېشات دوغرۇ ئەپەندى، شەنول بال خانىملار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان تۈركىيە پارلامېنتىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بىزگە بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋەتەندىن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ھابىبۇللاھ ۋە ئەخمەت ئىسىملىك 3 ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇلار بىزگە قىلغان سۆزىدە، تۈرك پارلامېنتىنى كۆرگەندىن كېيىن، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئىنسانلارغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار يەنە سۆزىدە ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىنى تۈركىيىنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكىنى ئېيتىشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
