تۈركىيىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزمەكتە ؟

قىممەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان مۇقەددەس قۇربان ھېيتنى تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزمەكتە. تۈركىيىدىكى مۇسۇلمانلار قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، بىر ‏ - بىرى بىلەن ھېيىتلاشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2008.12.09
Heyt-neghmisi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻏﺮﺍ - ﺳﯘﻧﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﻧﻪﻏﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA File

قۇربان ھېيتتا تۈركىيىدە 9 كۈن تەتىل بولۇپ، بۇ 9 كۈن جەريانىدا ئاچلار تويىدۇ، ئۇنۇتۇلغانلار خاتىرىلىنىدۇ، چوڭلارنىڭ قولىغا، كىچىكلەرنىڭ ماڭلىيىغا سۆيۈلىدۇ، كىچىكلەرگە بايراملىق پۇل بېرىلىدۇ، قىسقىسى قۇربان ھېيت ھەممە ئىنسان خۇشاللىققا چۆمىدىغان بىر ئاي.

 ئۇنداقتا تۈركىيىدە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان، ھەر خىل سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاتا - ئانىسىدىن، ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالغان ئۇيغۇرلار بۇ بۈيۈك بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟

بۇ ئۇيغۇرلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا پاناھلىق تىلەپ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈپ ياتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇلار تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە ياشىماقتا.

ئۇيغۇرلار كۆپ يەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار قۇربان ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتسا، ئۇيغۇرلار يوق ۋىلايەتلەردە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار بايرامنى يىغلاپ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى، ئەركىن تارىمنىڭ تەپسىلى مەلۇماتىدىن ئاڭلايسىز.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.