قايغۇ ۋە ئۈمىد ئىچىدىكى كارىز

كارىز ئىدىقۇت باغرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ سۇ ئىنشائاتى، مەدەنىي مىراسى، تۇرپاندىكى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان خەلقنىڭ، باغۇ - بوستان ئېتىز ئېرىقلىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى. شۇڭىمۇ تۇرپان خەلقى "تۇرپان دېمەك -كارىز دېمەك " دەپ قارايدۇ.

0:00 / 0:00

كارىز تۇرپان بىلەن، تۇرپان خەلقىنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، كارىز تۇرپاننىڭ قان تومۇرىغا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى بۈگۈنگە كەلگەندە، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ئىدىقۇت دىيارىغا ھاياتلىق بەخش ئېتىپ كەلگەن كارىزلار بىر بىرلەپ يوقالماقتا، مەڭگۈلۈك يوقالماقتا.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولىۋاتقان كارىزلار پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزمىسا بولمايدىغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

بۇ ھەقتە مەلۇمات ھەم تەتقىقات ماقالىلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنماقتا.

ھازا قوشۇقى ئېيتىدۇ ئاق قۇچقاچلار توپلىشىپ،

بۇلۇتلار كەينىدە يىغلايدۇ ئايمۇ ؟

كارىزلار ھەققىدە ئويغا پېتىپ، غەمگە پېتىپ.

مەن يىغلىدىم ئۈنسىز، ئۈمىدسىز،

ئەينەكتىكى ئەكسىمگە قاراپ.

.....

ئوت يۇرتىدا " كارىز ئۆلدى" دېگەن گەپ،

ھاياتلىق بۇ يەردە كۆچتى دېگەن گەپ.

" جىگدە كارىز ئۆلدى" دېگەندە،

ھەممە خەقنىڭ يىغىسى بار ئىچىدە.

دەل دەرەخلەر يىغلىدى چېچىنى يۇلۇپ،

تەكلەر يىغلىدى يەرگە ۋاقىتسىز ئۈزۈم ياشلىرىنى تاراملىتىپ،

قۇشلار يىغلىدى بىر بىرىنىڭ مامۇق پەيلىرىنى چوقۇشۇپ،

ئەلۋىدا، جىگدە كارىز ئەلۋىدا....

بۇ تۇرپان دالانكارىز يېزىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كارىز بولغان جىگدە كارىزىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىك خەۋىرىدىن كېيىن،شائىر پەرھات كازىمىنىڭ "تۇرپان" جورنىلىدا ئېلان قىلغان جىگدە كارىزىغا ئاتىغان مەرسىيىسىنىڭ مىسرالىرى.

"سېرىقتال چاغ ئەر ساغىرىدۇ، كارىز ئۆلگەن چاغ ئەل ساغىرىدۇ"

تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان، تۇرپان دىيارىدىكى كارىزلارنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدا بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى تىزىملانغان كارىزلارنىڭ سانى 1237 بولغان بولسا، ھالبۇكى ھازىر ھايات قالغانلىرى يەنى سۇ ئېقىۋاتقان كارىزلارنىڭ سانى 200 گىمۇ يەتمەيدىكەن. كارىزلار تەخمىنەن يىلىغا 20 مىڭدىن قۇرۇپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر تاكى 1990 - يىللارغا قەدەر كارىزلارنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن.

"تەرەققىيات جەريانىدا كارىزلارنى قوغداش" تەكلىپىمۇ تېخى ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا ئېچىلغان تۇرپان كارىز تەتقىقات يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇلغان بولدى ۋە شۇنىڭدەك كارىزلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ خىرىسقا ئۇچراۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارالىق مەدەنىي يادىكلارلىقلارنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقانلىقى مەلۇم.

شۇنداقتىمۇ مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇلۇغ مۆجىزىلىك سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى شۇنداقلا دۇنيا يۈزىدىكى بۇ يىگانە مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا دائىرىلەرنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ قەدەم ئېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.

كارىزنى ئىجاد قىلىشنى ئىشلىتىشنى بىلگەن ئەجدادلار ئەلۋەتتە ئۇنى قوغداشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەچكە ئىككى مىڭ يىللىق تارىخىي جەرياندىمۇ ھاياتلىقىنى ساقلاپ، ئوت يۇرتى تۇرپاننىڭ بوستانلىقلىرىغا يېشىلىلىق ئاتا قىلىپ كەلگەن ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۇرپان، پىچان يېزىلىرىدا 'كارىز قۇرۇپ كېتىپتۇ "دېگەن شۇم خەۋەر پات پاتلا تارقىلىدىغان بولۇپ قالدى.

"كارىز خار بولسا ئەر خار بولۇر، ئەر خار بولسا زامان تار بولۇر"

"كارىزىم" تور بېتىدە پەرھات كازىمىنىڭ كارىزلارنى تەكشۈرۈپ توپلىغان ماتېرىئاللار ئاساسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، "كارىزلارنىڭ سۇ مەنبەسىنىڭ قوغدالمىغان ۋە يەر ئاستى سۈيىنى تولۇقلاش بولمىغانلىق، قىشلىق سۇنى ئېتىزلارغا توڭ سېلىشقا ئىشلەتكەنلىكتىن جاڭگالدىكى ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىق شۇنىڭدەك كارىز قۇدۇقلىرىنى تىندۇرۇپ ئۈستىگە چۈنچە سېلىۋېلىش ھەم بىر قىسىم كارىزلارنىڭ قۇدۇقلىرىنى تىندۈرۈپ تېرىلغۇ يەر قىلىۋالغانلىق قاتارلىق ئەھۋاللار، كارىزلارنىڭ خارابلىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

سۇ مەنبەسى يوق، يەنى دەرياسى يوق شەھەر ئەزەلدىن ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، تەبىئەتنىڭ شاللىشىغا ئۇچرايدۇ، گەرچە تۇرپاندا دەريا بولمىسىمۇ، تۇرپان ئۈچۈن ئېيتقاندا ئونلىغان يۈزلىگەن يەر ئاستى سۇ قۇدۇقلىرىنىڭ ئۆزارا تاتاشتۇرۇلىشىدىن ياسالغان، يەر ئاستى سۈيىنى يەر ئۈستىگە باشلايدىغان مۆجىزىلىك سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ھېسابلانغان كارىز دەل ئىدىقۇتنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسىگە ئاجايىپ ماسلاشقان. يازنىڭ كۈنلىرى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 40 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدىغان تۇرپاندا كارىز سۈيى ئىچىش، كارىزغا كىرىپ سايىداش جانغا ھوزۇر بېغىشلايدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم ئىدىقۇت باغرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھاياتى ئىشلەپچىقىرىشى كارىزلار بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.

خۇددى رۇسىيە ئالىمى گرۇم گرجىمايۇف ئېيتقاندەك " ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەتلىك بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشائاتى - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلاردىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزى مىسىرلىقلارنىڭ پرامىداسىدىن قېلىشمايدىغان، قايىل قىلارلىق كۈچكە ئىگە سۇ ئىنشائاتىدۇر".

"كارىزدا سۇ يوق، بەختىخاننىڭ بەختى يوق..."

كارىزلارنىڭ ئازلىشى تۇرپان خەلقىنى زور ماددىي تالاپەتكە ئۇچرىتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە تۇرپان، پىچان، توقسۇندىكى دېھقانلار ئۆزلىگىدىن كارىزلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. ھەتتا ياش بالىلارمۇ ئۇستا كارىزچىلارغا شاگىرتكە كىرىپ، يۇرت ئەلنى بېقىپ كېلىۋاتقان كارىزلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كارىز قۇدۇقلىرىنى خالىسانە قېزىشقا، بۇزۇلغان كارىزلارنى قايتا ياساشقا قاتناشماقتا ئىكەن.

كارىز تەتقىقات ماقالىلىرىدا ئەل ئىچىدىكى پېشقەدەم تەجرىبىلىك كارىزچى ئامان سەدىلنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىغا قارىغاندا " كارىزلارنىڭ قۇدۇقلىرىنى تىندۇرۇپ تىقىۋەتسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ."

كارىز چېپىش ئىنتايىن جاپالىق ئەمگەك بولسىمۇ ئەمگەكچان پاراسەتلىك تۇرپان خەلقى كارىزلارنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ شۇنداقلا ئۇلار ئەمگەكنىڭ كارىزلارنىڭ شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بۇنى بىز پارھات كازىمىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىدىنمۇ ھېس قىلىش تەس ئەمەس:

" ياق،

ئادەم ئۆلسە تىرىلمەيدۇ بۇ ئېنىق

كارىز ئۆلسە تىرىلىدۇ تەر تۆكسە.

مىسرالىرىم ماڭلىيىمدىن ئاققان تەر بولسۇن،

تىرىلىپ قالساڭ كۈنلەردە بىر كۈن،

دەيدۇ يۈرىكىم،

-مەرھابا جىگدە كارىز، مەرھابا...."