2008-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچى چوڭ قوۋۇقتىكى جېجياڭ ۋېنجۇلۇق خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ، زور ئىقتىسادى زىيان كېلىپ چىققان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمىتى دەرھال ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ۋېنجۇلۇق تىجارەتچىلەرنىڭ بارلىق زىيىنىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە تۆلەپ بەرگەن. بىراق بۇ قېتىم تۇرپان يېڭى تەرەققىيات سودا بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋېنجۇلۇق تىجارەتچىلەرچىلىك تەلەيلىك بولالمىدى.
يېڭى تەرەققىيات سودا بازىرى تۇرپان شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ سودا مەركىزى بولۇپ، ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر دۇكان ئاچىدىغان مەزكۇر بازاردىكى دۇكاندارلارنىڭ ئاز دېگەندە 70% نى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئىگىلەيتتى. بىراق مەزكۇر بازارغا بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، سودا بازىرى ۋەيران بولغان. 3 قەۋەتلىك بازارنىڭ دۇكانلىرىدىكى بارلىق مال پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگىگەن. بۇ مەزكۇر سودا بازىرىغا 2-قېتىم ئوت كېتىشى. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال مەزكۇر سودا بازىرىغا بىر قېتىم ئوت كېتىپ رېمونت قىلىنغان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى يەرلىك ئاھالىلەردە ھەر خىل گۇمانلارنى پەيدا قىلغان.
تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئوت ئاپىتىدىن كېيىن دەرھال ئىشخانا قۇرۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ كېچىكىپ كېلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئوت كېتىش سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مۈجمەل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشى، تىجارەتچىلەرنىڭ زىيىنى ۋە سودا بازىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرمەي ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈشى، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرگە تەھدىت ۋە بېسىم ئىشلىتىشى يەرلىك ئاھالىلەردىكى ئوت كېتىش سەۋەبىگە بولغان گۇمانلارنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن.
ئوت كەتكەن كېچىسى نەق مەيداندىكى سارە ئىسىملىك بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شۇ كېچە يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ بىر سائەت كېچىكىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بەزى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىدا سۇ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سودا بازىرىنىڭ قاراپ تۇرۇپ پۈتۈنلەي كۆيۈپ كېتىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەر خىل گۇمانغا سالىدۇ.
ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان. ۋەقەدىن خەۋەردار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يەنە بىر خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دوكلاتتا دائىرىلەر تىجارەتچىلەر ۋە ۋەقەگە قىزىقىدىغان ئاممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئوتنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. پەقەت سودا بازىرىدا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ياخشى ئېلىنمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان. قوغداش خادىملىرىنىڭ بىخەستەلىك قىلىپ، ئوتنى ۋاقتىدا بايقىمىغانلىقى، سىگنال سىستېمىسىنىڭ ياخشى ئىشلىمىگەنلىكىنى قەيت قىلغان. بىراق ئوت ئۆچۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرىدىكى بۇ خىل بوشلۇقنى نېمە ئۈچۈن بۇرۇن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
بىز تۇرپان شەھەرلىك ۋە ھۆكۈمەت ۋە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئوتنىڭ قانداق تۇتاشقانلىقى، ئۆت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىكىپ كەلگەنلىكى، سودا بازىرىنىڭ قانداق بىر ئەرەب قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سوراپ كۆرۈشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن دائىرىلەر تېلېفونىمىزنى ئالمىدى.
2008-يىلى 1-ئايدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا سارىيىدىكى ئوت ئاپىتىدە نەچچە يۈز مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادى زىيان كېلىپ چىققانلىقى تەخمىن قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دەرھال سودا سارايدىكى ۋېنجۇلۇقلارنى ئاساس قىلغان بارلىق تىجارەتچىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان مېلىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ كېلىپ دەرھال تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. دائىرىلەر قانچىلىك تۆلەم تۆلىگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان. بىراق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بىر ۋېنجۇلۇق تىجارەتچى 80 مىليون يۈەنلىك مېلى كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۇرپان يېڭى تەرەققىيات بازىرىدىكى زىيان ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىكى زىيانغا يەتمىسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئامىلىسى تۇرپان تەرەققىيات سودا بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى خانىم، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 3 ئاي ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە قانائەتلىنەرلىك ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سارە خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا قالماي، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەرز قىلىپ بارغان بەزى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى تۇتۇپ، مەلۇم مەزگىل سولاپ قويغان. ئۇلارغا ئەرز قىلماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن ۋە تەھدىت سالغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەنزۇ تىجارەتچىلەرنىڭ مېلى ۋە دۇكىنىغا ئوت كەتسە بىر خىل مۇئامىلە قىلىش، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ مېلى ۋە دۇكىنى كۆيۈپ كەتسە، يەنە بىر خىل مۇئامىلە قىلىشتەك بۇ خىل قوش ئۆلچەم زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇرپان يېڭى تەرەققىيات بازىرىدىكى ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان تىجارەتچىلەرگە دەرھال ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
ھۆكۈمەت ئوت كەتكەن بازارنى رېمونت قىلىپ، دۇكان ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرەمدۇ ياكى بازارنى چېقىۋېتىپ ئورنىغا يېڭى سودا بازىرى سالامدۇ؟ ئەگەر كونا بازار چېقىۋېتىلىپ يېڭى بازار سېلىنسا، بازاردىكى دۇكانلارنى 30 يىللىق سېتىۋالغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلارغا ھازىرقى بازار نەرخى بىلەن باھالاپ دۇكان بېرەمدۇ ياكى ئون نەچچە يىل ئاۋۋال سېتىۋالغان باھانى ئاساس قىلىپ پۇل قايتۇرامدۇ؟ سارە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ھۆكۈمەتنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە.