ئۇچۇر - كۈچ دېمەكتۇر

پۈتۈن يەر شارىدا ھازىر ئىنتېرنېت ناھايىتى تېز كېڭىيىۋاتىدۇ. خۇددى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا بايان قىلىنغاندەك، پۈتۈن يەر شارىدا ھازىر ئىنتېرنېت قوللىنىدىغان ئادەم سانى بىر مىليارد 500 مىليونغا يەتتى. ھەتتا خىتايغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان دۆلەتلەردىمۇ ئىنتېرنېت ناھايىتى تېز كېڭىيىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

خىتايدىمۇ ھازىر ئىنتېرنېت قوللىنىدىغان ئادەم سانى 220 مىليونغا يەتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 'پۈتۈن يەر شارىدا تور ئەركىنلىكى قانۇنى' دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانۇن لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ.

پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئىرادىسى كۈچلۈك بولسىلا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە ئىرىشەلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن كومىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپاتلىق بېرىش يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېتنى تەقىپ ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

'يەر شارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى بىرلەشمىسى' دېگەن تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ شىيۈ ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇپ 'پەقەت ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا ئىنتېرنېتنىڭ راۋان بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىپادىلىگەن قەتئىي ئىرادىسى بېكىنمە ھالەتتىكى جەمئىيەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش ئىرادىسىدىن ئېشىپ چۈشكەندىلا، ئاندىن بېكىنمە ھالەتتىكى جەمئىيەتلەردە تۇرۇۋاتقان خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە ۋە دېموكراتىيىگە ئىرىشەلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن' دەپ تەكىتلىگەن.

'كۆزىتىش ژۇرنىلى' نىڭ تور بېتى چوڭ قۇرۇقلۇقتا قاتتىق چەكلەشكە ئۇچرىماقتا

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورگىنى بولغان 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'نىڭ مۇھەررىرى ياڭ لىلىنىڭ رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' نىڭ تور بېتى چوڭ قۇرۇقلۇقتا قاتتىق چەكلەشكە ئۇچرىماقتا.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە باش بەتنى ئېچىش ھەر ھالدا مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى بەزى ماۋزۇلار ئېچىلمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا 'ياغاچ ئات' ۋىرۇسى يوشۇرۇپ قويۇلغان. بۇنداق ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئاختۇرۇپ كۆرگەندە، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن قىلىنغان ۋىرۇس ھۇجۇمى بىلەن مەنبەداش بولۇپ، بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ يەنىلا سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىن تارقىتىلغانلىقى ئېنىقلانغان.

'گۇگۇل'، 'ياخۇ' قاتارلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرىگە سۇئال قويۇلدى

'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن كومىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپاتلىق بېرىش يىغىنىدا، خىتايدا كەسپى مەشغۇلاتى بار 'گۇگۇل'، 'ياخۇ' دېگەن ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا ياردەملىشىپ، ئىنتېرنېتكە سۈزگۈچ قويغانلىقىغا ۋە خىتايغا ئىنتېرنېتكە سۈزگۈچ بېكىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى سېتىپ بەرگەن شىركەتلەرگە سۇئال قويۇلغان.

باش ئورگىنى ئامېرىكىدىكى گۇگۇل شىركىتى ئۆزىنىڭ نامىنى 2006 ‏ - يىلىدىن باشلاپ خىتايدا Google.cn دەپ قوللانغانلىقىنى، قائىدە بۇيىچە يەرلىك ھۆكۈمەتكە بوي سۇنۇشتىن ئۆزگە ئامالى يوقلۇقىنى ئېيتىپ سەۋەب كۆرسەتكەن. 'ياخۇ' شىركىتىمۇ، ھازىر بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت خەت ‏ - چەكلىرىگە قارىتا قوللانغان چارىسى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بەزى تور ئەھلىنى قولغا ئالىدىغان ھادىسە كۆرۈلگەنلىكىنى، گەرچە ئۇلار بۇنىڭغا ئەپسۇسلانسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنداق ھادىسىنىڭ تەكرار يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

'ئۇچۇر - - كۈچ دېمەكتۇر، خەلق ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئارقىلىق سىياسىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ'

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن كومىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپاتلىق بېرىش يىغىنىدا، مەزكۇر كومىتېتنىڭ باشلىقى توم ئەپەندى 'ئۇچۇر - - كۈچ دېمەكتۇر، خەلق ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئارقىلىق سىياسىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ' دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان باشقا ئەزالىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلىشىگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

'پۈتۈن يەر شارىدا تور ئەركىنلىكى قانۇنى' كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ماقۇللىنىشى مۇمكىن

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى لايىھىلىگەن 'پۈتۈن يەر شارىدا تور ئەركىنلىكى قانۇنى' ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ماقۇللىنىشى مۇمكىن.

بۇ 'قانۇن'دا ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلىشىگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى بىر مۇھىم نۇقتا.