ئۈرۈمچى دائىرىلىرى، ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئېرىشىشىنى قولايلاشتۇردى

خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تۇغۇلغان يەر ۋە ئىش ئورنىنى ئاساس قىلغان نوپۇس تەۋەلىك تۈزۈمى 1958‏ - يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، بازار ئىگىلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ كۆچۈش ئەركىنلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نوپۇس تۈزۈمى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلار كۆپىيىشكە باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ.
9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ.
RFA Photo

ئۈرۈمچى شەھىرى 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن نوپۇس تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىپ، نوپۇس قوبۇل قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بەزى تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. بۇ تەدبىر بەزى خىتايلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بەزى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر تەرەپتىن كۆچمە نوپۇسنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا ئولتۇراقنامە، ئۆي ئىجارە بېرىشنى چىڭىتسا، يەنە بىر تەرەپتىن بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۈرۈمچى نوپۇسى بېرىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى.

بۇ يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت خىزمەتكە قوبۇل قىلغۇچى ئورگان بىلەن تۈزگەن توختامنامىسىنى كۆرسەتسىلا ئۈرۈمچى نوپۇسى بېجىرىپ بېرىلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنمايدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس ئىشلار باشقارمىسىدىكى خادىملارنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا "بۇ تۈزۈم بۇرۇنقى ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نوپۇس بېجىرىشى قىيىن بولۇش ئەھۋال ئۆزگەرگەنلىكى " نى بىلدۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى مەلۇم دائىرىدە ئىزچىل كونترول قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى كۆپەيگەن ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 5" ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان بەزى چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان ئىدى.

بۇ ئەھۋالدا ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئادەم ئېلىشنى قۇلايلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ بەلگىلىمە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى چىقىرىشتىكى ئوبيېكتى ۋە مەقسەت ‏ - مۇددىئاسىغا نىسبەتەن تۈرلۈك پىكىرلەرنى پەيدا قىلدى. ئاۋىستىرالىيىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرۈپ، ئىچكىرىلىك ئىشسىز قالغان خىتاي ياشلارنى ئۈرۈمچىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقى شۈبھىسىزدۇر.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇرۇنقى نوپۇس تۈزۈمىدە ياقا - يۇرتلۇقلار ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئىلتىماس قىلسا، خىزمەتكە قوبۇل قىلغۇچى ئورگان چوقۇم بۇ كىشىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. يېڭى بەلگىلىمىدە بولسا خىزمەتكە قوبۇل قىلغۇچى ئورگان مەيلى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ياكى ئىدارە -جەمئىيەت بولسۇن ۋە ياكى خۇسۇسى كارخانا بولسۇن، ياللىغۇچى ئورگاننىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ياللانغۇچى ياللىۋالغۇچى ئورگان بىلەن تۈزگەن توختامنامە، ياللىۋالغۇچى ئورگاننىڭ خېتى ۋە تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتسە، ج خ ئىدارىسى بۇ كىشىگە ئۈرۈمچى نوپۇسى بېرىدىكەن.

بەزى خىتاي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نوپۇس مەسىلىسىدىكى قاراشلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس تۈزۈمى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا زىت بولۇپلا قالماي، پۇقرالارنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى كۆچۈش ئەركىنلىكىگە دائىر ۋەدىلەرگە خىلاپتۇر. بېيجىڭدىكى ئادۋوكات چېڭ خەي بۇ قاراشتىكى خىتايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى نوپۇس بەلگىلىمىسىنى نوپۇس تۈزۈمىدىكى ئىسلاھات، قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى دېگەن.

چېڭ خەي رادىئومىزنىڭ خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى بايانىدا "جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى، نوپۇس تىزىملاش بەلگىلىمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا جۇڭگولۇقلار جۇڭگونىڭ ھەر قانداق يېرىگە بېرىپ، ئولتۇراقلىشىش ۋە كۆچۈشكە ھەقلىقتۇر. ئۇلار چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. لېكىن ھازىر ھەر قايسى جايلار بولۇپمۇ، ئوتتۇرا ۋە چوڭ شەھەرلەر نوپۇسنىڭ ئەركىن كۆچۈشىگە يول قويماي، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە تۈرلۈك قانۇنسىز قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بۇ جەھەتتىكى بىر ئىسلاھات دېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇندا بار نەرسىلەر" دەيدۇ.

لېكىن بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە سىياسىتى سىياسىي غەرەزلىك بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ رايوندا نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش، 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى نوپۇس ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ سۇندۇرۇشتۇر. ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى چېڭ خەينىڭ قارىشىنى قوللاپ، نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنسا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈشى ئاستىلايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، "شىنجاڭ" دا مىللىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يولغا قويغان خەنزۇلاشتۇرۇش سىياسىتى بولۇپ، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" بۇ سىياسەتكە قايتۇرۇلغان ئىنكاستۇر. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشتە چوقۇم مۇھىت ۋە يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكىدىكى خىتاي جەمئىيەتشۇناس خې چىڭليەن خانىم، "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئەگەر كارخانا قۇرۇش، كان ئېچىش كېرەكلىك بولسا، چوقۇم بۇنىڭ شىنجاڭ مۇھىتىغا ئېلىپ كېلىدىغان بەدىلىنى ھېسابلاش لازىم. شىنجاڭنىڭ مۇھىتى ناچارلاشسا، بۇنىڭ تەسىرى يالغۇز شىنجاڭ بىلەن قالمايدۇ. بۇ غەربىي  - شىمالدىكى ئۆلكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتە بۇرۇنقى ئۇسۇلنى قوللانسا، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك ئېچىش ئېلىپ بېرىلسا بولمايدۇ. ئىقتىسادى ياردەم بالانىس، ئاقىلانە ۋە شۇ جاينىڭ مۇھىتىنى كۆزلەش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى يەرلىك خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادىتىگە ماس ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم" دەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت