رادىئومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىدە مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.
يېقىندا چەتئەلگە چىققان ئەمما ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر قىزى، ئۈرۈمچى قارىماققا تىنچ كۆرۈنگىنى بىلەن، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ۋە ناھەقچىلىكلەرگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەت مۇشۇ ھالەتتە كېتىۋەرسە 5-ئىيۇلغا ئوخشاش نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە مەيدانغا كېلىش ئېھتىماللىقىنى يىراق دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىككى يىل جەريانىدا، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەن بۇ ئۇيغۇر قىز بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.