'ئۈرۈمچى يىڭنە سانجىش ۋەقەسى ھەم خىتايلار نامايىشىغا كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئۆزى جاۋابكار'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.09.09
2009.09.09
AFP Photo
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قانۇن ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دۇ شىنتاۋ 8 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ،"يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە يۈز بەرگەن،"يىڭنە سانجىش"ۋەقەسى خاراكتېر جەھەتتىن كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتى،ھازىر 45 ئادەم بۇ سەۋەبتىن قولغا ئېلىندى، ھۆكۈمەت جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ "دەپ ئېلان قىلدى.
ئەمما، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق يىڭنە سانجىش ۋەقەسىدە زەھەرلىنىش ھەم كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، ئەكسىچە 2 - ۋە 3 - سېنتەبىر كۈنلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان نامايىشى جەريانىدا ھەم نامايىشتىن كېيىن خىتاي زوراۋانلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىنتايىن كوپ بولغان،خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسا، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىدا 2 -، 3 - سېنتەبىر كۈنلىرى خىتاي زوراۋانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم قىلىندى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بۇ قېتىملىق خىتايلار نامايىشىدا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن خېلىلا جىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ 8 - سېنتەبىر كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، يىڭنە سانجىش ۋەقەسى ھەم ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار نامايىشى ھەققىدە توختىلىپ، يىڭنە سانجىش ۋەقەسىدە بىر قىسىم خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بىكارلىق داۋالىشىغا ئېرىشىش ئۇچۇن دوختۇرخانىغا بارغانلىقىنى، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ناھايىتى يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىقلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
بۈگۈن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، "يىڭنە سانجىش ۋەقەسى" ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتايلار نامايىشى ھەم نامايىش جەريانىدا بىر قىسىم خىتاي زوراۋانلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇش ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىپ، ئۈرۈمچىدە ۋەزىيەتنىڭ بۇ قەدەر جىددىيلىشىپ كىتىشىگە، ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلار جاۋابكار بولۇشى كېرەك"دەپ كۆرسەتتى.
خۇ پىڭ: "يىڭنە سانجىش ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ھەم يىڭنە سانچىلغانلىق سەۋەبتىن زەھەرلىنىش، كېسەل بولۇش ھەم ئۆلۈش ۋەقەسى قاتارلىقلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە بىز ھازىرچە تېخى ئېنىق، پاكىتلىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىمۇ تېخى بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ چىقالمايۋاتىدۇ.گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە يىڭنە سانجىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ يالغاندىن دېلو مەلۇم قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن تۆلەمگە ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ بار.ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتمۇ كۈچىيىپ كەتتى.ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئېنىق ھالدا چېگرا ئاجرىتىپ دۈشمەنلىك كەيپىياتى شەكىللەندى. بۇ ۋەقە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتقا قارىتا ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ،ئىچكى جەھەتتىن قاتتىق باستۇرغانلىقى سەۋەبىدىن بولدى. شۇڭا "5 - ئىيۇلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بەلگىلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق كىشىلەر جاۋابكار بولۇشى كېرەك."
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7 - ئىيۇل ۋە 2 - 3 - سېنتەبىر كۈنلىرى يۈز بەرگەن خىتايلار نامايىشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ 5 - ئىيۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىدىن پەرقلىق ھالدا مۇئامىلە قىلىشى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانلىق باستۇرۇشنى قوللانغان بولسا، خىتايلارغا نىسبەتەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقى،ھەتتا قوللىرىغا كالتەك ئېلىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان خىتاي پۇقرالىرىغا نىسبەتەن خىتاينىڭ قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
خۇ پىڭ: "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ يىللاردا بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلىرىنى تەربىيىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان ئۇلارغا ئىشەنمىدى. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ئاددىي ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئۇلار تېخىمۇ ئېتىبار بەرمەيدۇ - دە، شاۋگۈەن ۋەقەسىدىن بۇيان قاراپ باقايلى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن شاۋگۈەندە ناھەق ئۆلگەن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئۇيغۇر خەلقىدىن ئەپۇ سورىمايلا قالماستىن، ھەتتا ئەقەللىي ھالدىكى چۈشەندۈرۈشنىمۇ بەرمىدى. 5 - ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار ئادىللىق تەلەپ قىلىپ، قىزىل بايراقلارنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇردى، ئەمما 2 - 3 - سېنتەبىر كۈنلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىشىغا نىسبەتەن ۋاڭ لېچۈەن ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لى جى قاتارلىقلار، نامايىشچى ئاممىنىڭ ئالدىغا چىقىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى مىللەتكە تۇتقان بۇ خىل ئوخشىمىغان مۇئامىلە، مىللەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىك ئەلۋەتتە خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ - دە. ئەمەلىيەتتە خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئوخشاشلا كومپارتىيىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئىدى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئۆزىگە بولغان نارازىلىقىنى باشقا ياققا بۇراش ئۇچۇن قەستەن ۋەقەنى ئىككى مىللەت ئوتتۇسىدىكى زىددىيەتكە ئايلاندۇرۇپ بۇ قەدەر ئېغىر ھالدىكى قان تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا."
خۇ پىڭ ئەپەندى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ھەم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يۈرگۈزگەن بىرقاتار سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خۇ پىڭ :"خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتىنى تارلاشتۇرۇۋېتىش، 90 - يىللاردىن كېيىن بولۇپمۇ 2000 - يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنى سىقىپ چىقىرىپ، خىتاي تىلى مائارىپىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇش، ئىچكىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى، ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان تەشۋىقاتلارنى ھەددىدىن زىيادە ئېلىپ بارغانلىقى ئۇچۇن، ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇش كېلىپ چىقتى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە توقۇنۇش تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەك."
خۇپىڭ ئەپەندى سوزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلغىنىدا سەگەك بولۇشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقانى ھەرىكىتىنى قوللىشىنى، ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن دۈشمەنلىشىىش ئەمەس، بەلكى دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشى، تېخىمۇ جىق قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.