5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىگە ئىككى ئاي بولاي دېگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان، ئىنتېرنېت ھەم خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىسى ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىدى.
شۇنداقتىمۇ ئىستانسىمىز باشقا خىل ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق گەرچە چەكلىك بولسىمۇ، ئۈرۈمچى ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بەزىبىر مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتىمىز. 2 - سېنتەبىر كۈنى ئىستانسىمىز ئۈرۈمچىدە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇردىن ئىنتايىن جىددىي، ئەمما ئانچە تولۇق بولمىغان بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق.
ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1 - سېنتەبىر يېڭى مەۋسۇملۈك ئوقۇش باشلىغان كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم پەرزەنتلەر مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا ۋاكسىنىدىن كوللىتىپ رىئاكسىئەلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلار ئۆلگەن ھەم بىر قىسمى دوختۇرخانىلاردا قۇتقۇزۇلماقتا ئىكەن.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ رىئاكسىيەلىنىشىگە، مەكتەپ باشلىغان كۈنى گۇمانلىق بىر ئورۇننىڭ خادىملىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا نامەلۇم ۋاكسىنا قىلىشى سەۋەب بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە سەۋەبچىلىرىنى جىددىي تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەكتەپ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتماسلىقىنى ئوقتۇرغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلماقتا ئىكەن.
مەزكۇر سىرلىق ۋەقەنى يەتكۈزگۈچى كىشى، ئۆزىنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تۇرۇپ بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە باشقا ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپ باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلگەن خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپ سايباغ رايونىنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرىگە جايلاشقان.
بۇ پەرزەنتلەر مەكتىپى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى تۈپەيلى، تەخمىنىمىز بويىچە ئۈرۈمچىدىكى زەھەرلەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇش ئايرىم بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان بىردىن - بىر دوختۇرخانا بولغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، بىر سېسترا ۋاكسىنىدىن رىئاكسىيەلەنگەن بالىلارنىڭ سانى ھەم ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ دوختۇرخانىنىڭ زەھەردىن قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھالبۇكى، رىئاكسىيەلەنگەن بالىلار قۇتقۇزۇلۇۋاتقان بۆلۈمنىڭ تېلېفونى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن بولۇپ پەقەت ئالاقىلىشالمىدۇق. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئىشخانىسىغا ئۇرغان تېلىفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي خادىم، بىزگە بۇ مەسىلە ھەققىدە جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما، مەكتەپتە بالىلارنىڭ ۋاكسېنىدىن رىئاكسىئەلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، شۇنداقلا پرىنسىپ بويىچە بىزنىڭ بۇنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۈرۈمچىدە تېلىفونىمىز ئۇلانغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زىيارىتىمىزغا قايغۇرغان ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېھتىياتچان ھەم گۇمانخور ھالەتتە ساراسىم ئىچىدە قالغان بولۇپ، بىزگە ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزىلىرى ھەتتا بارلىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرى ئۈزۈۋېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ بۇ ۋەقدىن قانداقلارچە خەۋەردار بولغانلىقىمىزدىن شۈبھىلەنگەندىن باشقا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى.
ئىسمىنى ھەم ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر بولسا،بۈگۈن بىر ئاغىنىسىدىن ۋاكسىنىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ رىئاكسىيەلىنىپ ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدا بۇ ۋەقە ھەققىدە " نامەلۇم كىشىلەر مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ" دېگەندەك تۈرلۈك قورقۇنچلۇق پاراڭلار، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىمۇ تۈرلۈك گەپ سۆزلەر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر - بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى،مۇشۇ ئىككى كۈندە بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تېز ئارىدا تارقاپ، ساراسىم پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىگە قاراتقان قاتتىق قامالى ئاستىدىكى ئۈرۈمچىدىن بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئېنىق مەلۇماتلار ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، يۇقىرقىدەك دەسلەپكى ئىگە بولغان چەكلىك ئۇچۇرلىرىمىزدىن، ئۈرۈمچىدە ھەقىقەتەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاكسىنىدىن كوللېكتىپ زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ھالبۇكى ۋاكىسىنىدىن زەھەرلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى مىللەت ئايرىمىسى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ھەمدە رىئاكسىيەلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جاۋابكار ئورۇن ياكى كىشىلەر، قانداق تىپتىكى ۋاكسىنا ئىشلىتىلگەنلىكى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەر يەنىلا ئېنىقسىز.
مەزكۇر ۋەقە ھەقىقدە داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتىمىز. ۋەقەدىن خەۋەردار ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭمۇ بىزنى يەنىمۇ ئېنىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى سورايمىز.