ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى «دوستىمىز ئىلىم - مەرىپەت، دۈشمىنىمىز نادانلىق ۋە جاھالەت»

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى جەمىئىيتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 23 - دېكابىردا ئىستانبۇل زەيتىبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان دېڭىز فەنەرى جەمىئىيىتى يىغىن زالىدا «دوستىمىز ئىلىم - مەرىپەت، دۈشمىنىمىز نادانلىق ۋە جاھالەت» شۇئارى ئاستىدا ئېچىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز باتۇر
2012.12.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
uyghur-akamiyisi-ablet-turan-305.png ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 3-قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمىدا يۈرەك كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى سۆز قىلماقتا
RFA/Batur


مۇھاكىمە يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، يەكشەنبە كۈنىدە يىراق - يىقىندىن كەلگەن يىغىن ئەھلىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكادېمىيىسى ئىكەنلىكىنى، قەيەردە بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر ئۇيغۇرلاردا ھاياجان ۋە ئۈمىدنىڭ يوقالماسلىقىنى تەكىتلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ، ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن - كۈنگە تارىيىۋاتقان؛ ئۇيغۇر تىلىنىڭ زامان تەرەققىياتىغا ماسلىشالمايۋاتقانلىقى سەپسەتىسى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ئېچىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇر دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرى تارىخ، ئىقتىساد، تىبابەت، مۇھىت ئاسراش، ھويلا - ئارام مەدەنىيىتى ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە تەييارلىغان ماقالىلىرىنى سۇندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ۋە ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە، ھەر يىلى بىر قېتىم تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.