ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۆتىۋەر ئالىمى مۇھەممەد ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىم ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى

ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مەرھۇم مۇھەممەد ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىم ئۇيغۇر ئىلىدىن تۇنجى بولۇپ، 10 نەپەر ئۇيغۇر بالىسىنى مىسىرغا ئاپىرىپ دۇنياغا داڭلىق ئەڭ قەدىمىي بىلىم گاھ - ئەزھەر بىلىم يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسلام مەملىكەتلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىنى ئاچقان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىشى شۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان. مانا بۈگۈن مەرھۇم مەھەممەد ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپاتىغا 10 يىل تولدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇلېتىپ ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلېتىپ ھاجىم مەرھۇم مۇھەممەد ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىم 1924 يىلى خوتەننىڭ ئاتچۇي يېزىسىدا دىيانەتلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 5 ـ- 6 ياشلىرىدا دادىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم قالغان. 1955 - يىللىرىغىچە، بىر تەرەپتىن ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن، خوتەندە ئالىملاردا ئوقۇغان، كېيىنچە قاغىلىق ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدە ئوقۇپ ئالىم بولغان.1980ـ يىللىرى خوتەندە باشلانغان يېڭى ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ئاساس سالغۇچىلاردىن ئابدۇللا قارىم، ئابدۇل ئەزىز قاراجىم، ئابدۇللاھ قارى داموللام، مۇھەممەد قۇربان داموللام قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خوتەندە، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە يامراپ كەتكەن خۇراپاتلىق، بىدئەتچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، مازارلارغا چوقۇنماسلىقنى، مازارلارنى تاۋاپ قىلماسلىقنى، مازارلارغا تۇغ ئەلەم تىكلىمەسلىكنى، قۇرئان ئوقۇپ پۇل ئالماسلىقنى، ناماز ھەققى ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. مۇھەممەد ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىم بۇ سەۋەبتىنمۇ ئىككى قېتىم تۈرمىدە ياتقان ئىدى ، ‏- ئۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىمنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇش يولىنى ئاچقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىم مەرىپەتپەرۋەر زات مەرھۇم رەھمىتۇللا قارى ھاجى بىلەن 1984 ‏- يىلى 12 ‏- ئايدا 10 بالىنى مىسىر پايتەختى قاھىرەگە ئېلىپ بارغان. بالىلارنىڭ "ئەل ئەزھەر" ئالىي ئىلىم دەرگاھىدا ئوقۇشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن بىر نەچچە ئاي يول مېڭىپ، قاھىرەدە مىسىرلىق بەزى ئالىملار بىلەن تونۇشۇپ، شۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاخىرى مىڭبىر تەسلىكتە ئۇلارنى ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان."

مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئېسىل ئەخلاقى

ئابدۇلېتىپ مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىم ئۆز مىھنىتى بىلەن ھالال ياشاپ كەلگەن، پېقىر پۇقرا، يېتىم ‏- يېسىرلەر، تالىپلارغا ماددى، مەنىۋى يار يۆلەكتە بولغاننىڭ سىرتىدا ، خوتەندە مەسچىت سېلىش ئىشلىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ ئالدى بىلەن ئۆزى پۇل چىقىرىپ، باشقىلارنىمۇ پۇل بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، قانچە مەسچىتنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا ۋەسىلە بولغان ئىدى. سىياسىي كېڭەش ياكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىقى چاغلىق بىرەر "ھوقۇق" ۋەياكى "مەنسەپ" تۇتماي كەلگەن بولسىمۇ، خوتەندە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل ـ‏- ماجرا، ئىقتىسادى مۇئامىلىدىكى تالاش ـ‏- تارتىش ئىشلىرىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلاتتى."

مۇھەممەد ئابدۇللا مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

ئابدۇلېتىپ ھاجىم مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىم 1998 ‏-ـ يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 23 ـ‏- كۈنى خوتەندە ۋاپات بولغان. مەرھۇمنىڭ نامىزى تۆت مىڭدىن ئارتۇق جامائەتنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئوقۇلۇپ، ئۆز يۇرتى ئاتچۇي مازارلىقىغا ‏- ئاتا ئانىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان."

ئابدۇلېتىپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەللەردە، خۇسۇسەن ئىسلام مەملىكەتلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن دوستلار مەرھۇم مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ھاجىمنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى، مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بۇرچتۇر.