ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولغان ژۇرنالىست كەمال چاپراز ۋاپات بولدى

تۈرك دۇنياسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان خەۋەر ۋە ئوبزورلىرى بىلەن تونۇلغان جۇرنالىست كەمال چاپراز ئەپەندى ئىستانبۇل كارتال رايونىدا ئۇچرىغان قاتناش ۋەقەسىدە ئالەمدىن ئۆتتى.

0:00 / 0:00

كەمال چاپراز 15 - سېنتەبىر كۈنى ئىپتار يېمىكىگە قاتناشقاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىش يولىدا بىر ماشىنا سوقۇۋېتىپ ئېغىر يارىدار بولغان. مېڭىسىگە قان چۈشكەن كەمال چاپراز داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى كېچىدە دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان.

ژۇرنالىست تەتقىقاتچى كەمال چاپراز تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدە يازغان خەۋەر ۋە ماقالىلىرى بىلەن داڭ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭ تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق، قۇرۇلتاي، تۈرك دىپلوماتىيىسى قاتارلىق گېزىتلەردىن باشقا ئورخۇن، تارىخ، قېرىنداشلىق، قىرىم قاتارلىق ژۇرناللاردا كۆپ ساندا خەۋەر ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ قىرىم تاتارلىرى ھەققىدە يازغان `سۈرگۈندە ياشنىغان ۋەتەن قىرىم` ناملىق بىر كىتابىمۇ نەشىر قىلىنغان.

44 ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن كەمال چاپراز `ئۇفۇق ئۆتەسى` يەنى `ئۇپۇقنىڭ ئۇ تەرىپى` ناملىق گېزىت بىلەن ئۇفۇق ئۆتەسى نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئىدى. ئۇفۇق ئۆتەسى ناملىق گېزىتىدە داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بەرگەن كەمال چاپراز ئەپەندى، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشاتتى. كەمال چاپراز ئەپەندى تۈركىيە گېزىتىدە خەۋەر مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

1990 - يىللاردىن باشلاپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يول باشچىلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تۈركىيە گېزىتىدە داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ماقالىلارغا يەر بەرگەن. بىر تېلېۋىزىيىدە پروگرام رىياسەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللەردە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى كۆپ قېتىم تېلېۋىزىيە پروگراممىغا چىقارغان. ئۆزىنىڭمۇ `تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۇركىستان`، `شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈرك دۇنياسى`، `ئۇنتۇلغان تۇپراق شەرقىي تۈركىستان` دېگەنگە ئوخشاش كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ژۇرنالىست كەمال چاپراز ئەپەندىنىڭ جىنازا نامىزى بۈگۈن ئىستانبۇل تۇزلا رايونى مەركەز مەسچىتىدە قىلىنغان. دەپنە قىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە باشقا ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 30 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇلار ھەممە بىردەك تونۇلغان ژۇرنالىست كەمال چاپراز ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن بۈيۈك بىر يوقىتىش بولغانلىقىنى ئېيتىشتى.

ئۇلار يەنە تۈرك دۇنياسى ھەققىدە يازغان خەۋەر ۋە ئوبزورلىرى بىلەن تونۇلغان كەمال چاپراز ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئېيتىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.