5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش يىغىنى ئەنقەرەدە داۋام قىلماقتا

5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە داۋام قىلماقتا. بۇ يىغىن بۈگۈن، يەنى، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنقەرەدىكى بۈيۈك ئاناتولىيە مېھمانخانىسىدا داۋاملاشماقتا.

0:00 / 0:00

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن بۈگۈن ئامېرىكا ۋاشىنگتون جورجتاۋۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور شەئان روبېرتس ئەپەندى «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى»، ئەركىنلىك ئۆيى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشخانىسى مۇدىرى سۈي خانىم «كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى»، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسى ئاندراۋ سۋان ئەپەندى «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى»، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا شۆبىسى مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندى بولسا «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ۋە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ غەلىبىلىرى ھەم كەمچىلىكلىرى»، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇلى ئۇلرىچ دەلىئۇخ ئەپەندى «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى»، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇلى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى «ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە پائالىيەتلىرى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.

ئەركىنلىك ئۆيى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشخانىسى مۇدىرى سۈي خانىم «كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى» ۋە «ئايال رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش ۋە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ پائالىيەت قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش» تېمىسىدا دوكلات بەردى. 2012-يىلى 16-ئىيۇل، تۈركىيە.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى سۈي خانىم يەنە «ئايال رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش ۋە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ پائالىيەت قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىدا ئايال ۋەكىللەر. 2012-يىلى 16-ئىيۇل، تۈركىيە.

7-ئاينىڭ 16-كۈنى 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئەمىنە تارقان خانىم، خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندى ۋە مالىك ئەجدەر ئەپەندىلەر تۈركىيە پارلامېنتىدىكى كىچىك زالدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا تۈركىيىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ت ر ت دىن باشقا تۈركىيىدىكى چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئەمىنە تارقان خانىم، خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندى ۋە مالىك ئەجدەر ئەپەندىلەر تۈركىيە پارلامېنتىدىكى كىچىك زالدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 2012-يىلى 16-ئىيۇل، تۈركىيە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.