'ئۆنجە ۋەتەن گېزىتى'دە 'تاتار مىرزىلىرى ۋە ئۇيغۇر بەگلىرى' ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010.03.12
2010.03.12
بۇ ماقالىنى كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيىگە چىققان تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئىقلىل قۇربان يازغان. ماقالىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى، رۇسلارنىڭ تاتارلارنى قەدىمدىن تارتىپ بەگ ۋە مىرزىلاردىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇپ كەلگەنكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ نۇر بەكرىگە ئوخشاش شەكلى ئۆزگەرگەن بەگلەر بىلەن باشقۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ ماقالىسىدە تاتارلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.